ترويا ۋە ترويا ئۇرۇشى

تۆۋەندە نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1612285
ترويا ۋە ترويا ئۇرۇشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەپسانىلەر ۋە رىۋايەتلەر— گەرچە ھەقىقىي يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلىدىغان بولۇشىمىزغا قارىماي — ھەمىشە دىققىتىمىزنى تارتىدۇ... ھېكايىلەر بەزىدە جاسارەت ۋە قەھرىمانلىق ئۈلگىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرسە، بەزىدە ئىلاھلارغا قارشى ئىسيان بايرىقى ئاچقان بىر پانىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى تېما قىلىدۇ... «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا بىر ئەپسانىۋى ھېكايە ۋە بۇ ھېكايىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. ئارقىدىن ئۇرۇش باشلانغان تارىختىكى تۇنجى گۈزەللىك مۇسابىقىسى ۋە مەشھۇر ئۇرۇش تىرويا (تروي) توغرىسىدىكى قىسسىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

* * * * *

رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، تارىختىكى تۇنجى گۈزەللىك مۇسابىقىسى بۇنىڭدىن تۆت مىڭ يىل ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن. ئىلاھلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش – تارتىشنى تېما قىلغان بۇ ئەپسانىۋى ھېكايە يۈز بەرگەن جاي، چاناققەلئە بىلەن بالىكەسىر ئوتتۇرىسىدىكى بىپايان زېمىننى قاپلىغان غاز تېغىدۇر! ئىدا دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ ھەيۋەتلىك تاغ، تۈركىيەنىڭ ئوكسىگېن نىسبىتىنى ئەڭ يۇقىرى جايلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

يۇنان ئەپسانىلىرىگە ئاساسلانغاندا، قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق بولغان ئىتتىپاقسىزلىق ئىلاھى، ئىلاھلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر تويغا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. بۇ ئەھۋالدىن ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ئىتتىپاقسىزلىق ئىلاھى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئورۇنغا «ئەڭ گۈزەلگە» دېگەن خەت يېزىلغان بىر ئالتۇن ئالما قويۇپ قويىدۇ. ئاتېنا، ھېرا ۋە ئافرودىتتىن ئىبارەت ئۈچ ئىلاھ ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىشمەسلىك يۈز بېرىدۇ. ئۇلار زېئۇستىن كىمنىڭ ئەڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى باھالاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، زېئۇس غاز (كاز ياكى ئىدا) تېغىدا تۇرىدىغان پارىسنى بۇ ئىشنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل قىلىدۇ. ئەڭ گۈزەل ئىلاھ بولۇپ تاللىنىش ئۈچۈن ھېرا كائىناتنىڭ پادىشاھلىقىنى بېرىدىغانلىقىنى؛ ئاتېنا جەڭدە يېڭىلمەسلىك ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئافرودىت بولسا، ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزىلى بولغان خېلىننىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. يېڭىلمەسلىكنىمۇ، كائىناتنىڭ پادىشاھلىقىنىمۇ ئەھمىيەتسىز دەپ قارىغان پارىس، گۈزەللەر گۈزىلى خېلىننىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولۇشنى تاللايدۇ ۋە ئافرودىتېنى مۇسابىقىنىڭ بىرىنچىسى، دەپ ئېلان قىلىدۇ. مۇسابىقىدىن كېيىن، پارىس ئافرودىتېنىڭ ياردىمىدە خېلېننى ئېلىپ قاچىدۇ ۋە ئون يىل داۋاملاشقان ترويا ئۇرۇشى باشلىنىپ كېتىدۇ. چۈنكى، دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال بولغان خېلېن سىپارتا پادىشاھى مېنېلائۇسنىڭ ئايالى ئىدى.

قەدىمكى دەۋرنىڭ مەشھۇر شائىرى گومېر، ئۆزىنىڭ ئىليادا ناملىق داستانىدا دەل بۇ ئۇرۇشنى ھېكايە قىلىدۇ. گومېرنىڭ قارىشىچە، بۇ مۇسابىقە تارىختىكى تۇنجى گۈزەللىك مۇسابىقىسى ئىدى! ئۇنىڭدىن كېيىن باشلانغان ترويا ئۇرۇشىمۇ شەرق بىلەن غەربنىڭ تۇنجى ئۇرۇشى ئىدى! رىۋايەتكە قارىغاندا، ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى زېئۇس، ئادەم ئۆلۈش ۋە بۇزغۇنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ترويا ئۇرۇشىنى غاز تېغىدا، يەنى ۋەقەلەر باشلانغان جايدا تۇرۇپ كۆزىتىدۇ.

* * * * *

بۇ دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي قەھرىمانلىق داستانى دەپ قارىلىدىغان «ئىليادا» دا سۆزلەنگەن بىر ئەپسانىۋى ھېكايە. ئەجەبا بۇ ھەقىقەتەن بىر ھېكايىدىن ئىبارەتمىدى؟ راستتىنلا مۇشۇنداق بىر ئۇرۇش بولغانمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ترويا دەپ بىر جاي ۋە ترويالىقلار دەيدىغان بىر خەلق مەۋجۇت بولغانمىدى؟

 ئۇزاقتىن بۇيان ترويا بىر خىيالىي ماكان، ھېكايە قىلىنىۋاتقان ئىشلار بولسا، بىر توقۇلما ئەسەردىن ئىبارەت، دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئۇ بىر ئېپوستا تەسۋىرلەنگەن ۋەقە ئىدى. «ئىليادا»دا يېڭىلمەس قەھرىمانلار، ئىلاھلار، ئىلاھەلەر، باتۇرلۇق ئۈلگىلىرى، قانلىق توقۇنۇشلار، ئۆلۈم ۋە ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرگە تولغان ھېكايىلەر بار ئىدى. ئېپوس ئېلېمېنتلىرى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ ئەدەبىي ئەسەر دەپ قارالغانىدى. ئەمما بەلكى ئەسەردىكى رىۋايەتلەرگە مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقى ۋەياكى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولسۇن، ترويانىڭ ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئىش ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋە ئۇ شەھەرنى تېپىشقا بەل باغلىغان، «ئىليادا» ئېپوسىنى كۆپ قېتىم ئوقۇپ، ئۇنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلىپ تاللىغان گېرمانىيەلىك سودىگەر ھېنرىخ شلېمان ئانادولۇغا كېلىپ ترويا شەھىرىنى تاپىدۇ. ئۇ ھىسارلىك تەپە دەپ ئاتالغان رايوندا قېزىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ يەر ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ كونسۇلى تەرىپىدىن ھۆيۈك (خارابىلىك قاتلىمىدىن ھاسىل بولغان دۆڭلۈك) دەپ بېكىتىلگەنىدى. شلېمان ئارخېئولوگ ئەمەس ئىدى. ئۇ شەھەرنى بايقىغاندىن كېيىن پەقەت ئۆزى قىزىقىدىغان نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بەردى. خىزمىتىگە پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ، دەپ ئويلاپ، بەزى تارىخىي تاملارنى چېقىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ سالغان، يەتكۈزگەن زىيانلىرىنىڭ قانچىلىك كۆپ بولغانلىقى كېيىنچە ئاشكارىلىنىدۇ. قېزىش باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بۇ شەھەرنىڭ يەتتە قاتلامدىن تەركىب تاپىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. قېزىش، تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، ھىسارلىق تۆپىلىكىدە بىر - بىرىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان ئون قاتلاملىق ترويا خارابىلىكى  بايقالدى. 2019 - يىلى ئارخېئولوگلار شەھەر تارىخىنى 600 يىلغا ئۆتمۈشكە قايتۇرىدىغان يەنە بىر قەۋەتنى بايقىدى. ترويادا ئوخشىمىغان دەۋرلەرگە تەۋە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان 50 تىن ئارتۇق قۇرۇلۇش باسقۇچى ئېنىقلاندى. بۇ ئالاھىدىلىك سەۋەبىدىن، ئۇ ياۋروپا ۋە غەربىي ئانادولۇدىكى ئارخېئولوگىيەلىك ئورۇنلارنىڭ پايدىلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

* * * * *

مۇتەخەسسىسلەر، ترويادىكى 11 قەۋەتنىڭ تۆۋەندىن باشلاپ سانالغاندىكى يەتتىنچى قەۋىتىنىڭ گومېرنىڭ داستانىدا بايان قىلىنغان «ترويا» ئىكەنلىكىنى؛ ئارخېئولوگىيەلىك  قالدۇقلاردىكى  شىددەتلىك ھۇجۇملار ۋە ۋەيران قىلغۇچ ئوت ئاپەتلىرىنىڭ ئىزنالىرىغا ئاساسەن، شەھەردە ھەقىقەتەن بىر ئۇرۇشنىڭ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ترويا ھەردائىم شۇنداق مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىدىكى، گومېرنىڭ بايان قىلغىنىدەك گۈزەل خېلىن ئۈچۈن بولمىسىمۇ، بايلىقى ۋە گۈزەللىكى سەۋەبىدىن رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن قېتىم قولغا چۈشۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇرۇشلىرىغا سەھنە بولغان.

بۈگۈنكى كۈندە، ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكونىڭ  دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن قەدىمكى شەھەر ترويا، تارىخى، رىۋايەتلىرى، بايقىلىش ھېكايىلىرى، مۇرەككەپ ۋە مول تۈزۈلۈشى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئارخېئولوگىيەلىك ئورۇنلارنىڭ بىرى. ترويادىكى قېزىشلار 3500 يىللىق تارىخى بىلەن ئانادولۇنىڭ غەربىدە ئولتۇراقلاشقان مەدەنىيەتلەرنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. مەلۇمكى، ئوخشىمىغان 20 دۆلەتتىن كەلگەن 350 دىن ئارتۇق ئالىم 150 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قېزىش – تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ سان كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە.

* * * * *

ترويا بايان قىلىنغان ئىكەن، تەڭداشسىز ترويا خەزىنىسىنىمۇ ئەلۋەتتە بايان قىلىنىشى كېرەك.

گەرچە شلېمان ترويانىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، كىتابلاردا بايان قىلىنغان خانلىق خەزىنىسىنىڭ ئىزىنى قوغلاشقا تۇتۇش قىلىدۇ. بەلكىم، بۇ ئىش باشتىن - ئاخىر ئۇنىڭ كۆڭلىدە بولغان بولۇشى، خەزىنىنى تېپىپ باي بولۇشنى ئويلىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ بۇ ئىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ، ئاخىرىدا زەنجىر، ھالقا، تاج، ئالتۇن ۋە قىممەتلىك تاشلاردىن تەركىب تاپقان بۇ خەزىنىنى تاپىدۇ. ئۇنىڭ خەزىنىنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئەمەلدارلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى شەرت بولسىمۇ، ئۇ ھېچكىمگە خەۋەر بەرمەستىن، خەزىنىنى ئېلىپ چەت ئەلگە قاچىدۇ. ئۇ خەزىنىنى ئالدى بىلەن گىرېتسىيەدە، ئاندىن فىرانسىيەدە ساتماقچى بولغان بولسىمۇ، باھادا كېلىشەلمەيدۇ، ئارقىدىن رۇسلار بىلەن كۆرۈشىدۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، تېما يېپىلىدۇ... تاكى 90 - يىللارنىڭ بېشىدا موسكۋادىكى پۇشكىن گۈزەل سەنئەت مۇزېيىنىڭ خەزىنىسىدە پەيدا بولغۇچە بولغان ئۇزۇن يىللار بويىچە ھېچكىم خەزىنىنىڭ ئورنىنى بىلەلمەيدۇ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلىنىدۇ، ھەتتا رىۋايەت دېگەن كۆز بىلەن قارىلىشقا باشلىنىدۇ! ئەينى دەۋرنىڭ سەنئىتى، مۇككەممەل ھۈنەرۋەنچىلىكى ۋە ھەيۋىسىنى نامايان قىلىدىغان بۇ قىممەتلىك بايلىق گېرمانىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ. خەزىنە ئانادولۇ تۇپراقلىرىدىن تېپىلىپ قاچۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خەزىنىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر گېرمانلار بىلەن رۇسلار بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئارخېئولوگىيەلىك ئەسەرلەر تېپىلغان دۆلەتلەرگە تەۋە بولىدۇ، دەيدىغان قاراش ئومۇمىيۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان بىر قائىدىگە ئايلانغان بولسىمۇ، بۇ بىباھا خەزىنىگە تەۋە پەقەت 24 پارچە ئالتۇن بېزەك تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلدى. ترويا خەزىنىلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئۇ تەۋە بولغان زېمىنلارغا قايتىشى كېرەكلىكى چاقىرىقىنى بۇ سۇپا ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز.

* * * * *

ترويا ئەسىرلەردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلىدى، ھېكايىلەرنىڭ راست – يالغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان دەتالاشلار بولدى. بەلكىم، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى راست – يالغانلىقى ئەڭ كۆپ قىزىقىش قوزغىغان تېما، ترويا ياغاچ ئېتى بولۇشى مۇمكىن. ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ئىچى ئەسكەرلەر بىلەن تولغان يۇغان ياغاچ ئات ھەققىدە توختالغىنى گومېر بولۇپ، بۇ قېتىم ئىليادادا ئەمەس، ئودېسسا داستانىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. تەتقىقاتچىلار ترويا ياغاچ ئېتى ھەققىدە ئوخشىمىغان نەزەرىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ ئاتنىڭ يۇنانلىقلار تروياغا بېرىشىدا ئولتۇرغان پاراخوتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بىر ئوخشىتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزىلەر ئۇنى ھىتىت ئارخىپىدىكى «ياۋا ئېشەك» ياكى «كەركىدان ئالۋاستى» قاتارلىق ئىسىملار بىلەن تونۇلغان ئۇرۇش ماشىنىلىرىغا ئوخشىتىپ، ئاتنىڭ ئۇرۇش قورالى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كىم بىلىدۇ؟! خۇددى گومېر داستانىدىكى ترويانىڭ راست ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغاندەك، نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن، بەلكىم بىر كۈنى ياغاچ ئاتنىڭ بار - يوقلۇقىمۇ ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر