تۈركىيە 2020 – يىلى تەنتەربىيە ساھەسىدە بالقان رايونىنىڭ ئەڭ كۆپ مېدالغا ئېرىشكەن دۆلىتى
دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈركىيە 2020 – يىلى تەنتەربىيە ساھەسىدە بالقان رايونىنىڭ ئەڭ كۆپ مېدالغا ئېرىشكەن دۆلىتى» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ 2020 – يىلى بالقان رايونىنىڭ ئەڭ كۆپ مېدالغا ئېرىشكەن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟
تۈرك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا ياش تۈرىدىكى بالقان لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 123 مېدالغا ئېرىشىشى بىلەن، تۈركىيە بالقان رايونىدا ئەڭ كۆپ مېدال ئالغان دۆلەتكە ئايلاندى. گەرچە 2020-يىلى تارقىلىشچان زۇكام تۈپەيلى چەكلىك ساندا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، زال ۋە ئوچۇق مەيدان مۇسابىقىلىرىدە 43 تۈركىيە رېكورتى يېڭىلاندى. چوڭلار كاتېگورىيەسىدىكى يەتتە ئايرىم تارماقتا تۈركىيە رېكورتى يارىتىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك 400 مېتىرلىق رىقابەت مەيدانى مېيىپ تەنھەرىكەتچىلىرىدىن بەركە ئاقچام، ئۆز تۈرىدە دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى دەرىجىسىگە ئېرىشكەن بولسا، ياسەمىن چام «دۇنيا يېرىم مارافونچە يۈگۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى»دە تۈركىيەنى تۇنجى قېتىم دۇنيا يەتتىنچىلىكىگە ئېرىشتۈردى.
2020-يىلى تۈركىيە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يەنە بىر تەنھەرىكەت تۈرى بولسا ۋالىبول بولدى. تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 2020-يىللىق CEV توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق شاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، تارىخىدا ئىككىنچى قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.