نورۇز - تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى بايراملىرىنىڭ بىرى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «نورۇز بايرىمى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1606046
نورۇز - تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى بايراملىرىنىڭ بىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نورۇز بايرىمىنىڭ زامانىمىزغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكى تۈرك ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تارىختا ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقان نورۇز، تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى بايراملىرىنىڭ بىرى. تۈرك مەدەنىيىتىدە نورۇز تۇغۇلۇش، تىرىلىش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باھارنىڭ باشلىنىشى دەپمۇ قارىلىدۇ. نورۇز بايرىمىنىڭ يەنە بىر نامى «ئەرگىنەقون بايرىمى»دۇر. بۇ ئىسىم ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە ھەر خىل تۈرك قەبىلىلىرى ئارىسىدا ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلمەكتە. نورۇز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورخۇن رايونىدىن ئالتايلارغا، ئۇ يەردىن ھۇن تۈركلىرىنىڭ ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىشى بىلەن ۋېنگىرىيە ۋە بالقان رايونىغا يېتىپ كەلگەن. 9-ئەسىردە كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىن ئانادولۇ ۋە مېسوپوتامىيەگە تارقىلىپ تېخىمۇ كەڭ جۇغراپىيەلىك ماكانغا يېيىلغان. تۈركلەر تارىخ بويىچە ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك رايونلاردا ياشىغان ۋە تارىختا ئوخشىمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، نورۇزنى ئەزەلدىن تارتىپلا تەبرىكلەپ كەلگەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە ھەر يىلى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تېخىمۇ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلىنىشكە باشلىغان نورۇز، كەلگۈسىدىمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممىتى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر