ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن (چاپسان) جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى.

1600208
ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نەھل سۈرىسى، 55 – 64 - ئايەتلەر. ئۇلار ئۆزلىرىگە بەرگەن (بېشىدىكى ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت) نېمىتىمىزگە ناشۈكۈرلۈك قىلىدۇ، (سىلەر ئەجىلىڭلار يەتكۈچە دۇنيادىن) بەھرىمەن بولۇڭلار، (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر[55]. ئۇلار بىز ئۆزلىرىگە بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن بىلىمسىز (بۇتلارغا) نېسىۋە قالدۇرىدۇ، (ئى مۇشرىكلار!) ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئۆزۈڭلار ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسەڭلار ئۈچۈن چوقۇم سوراققا تارتىلىسىلەر[56]. ئۇلار ئاللاھقا قىزلارنى نىسبەت بېرىدۇ، ئاللاھ (بۇنداق بوھتاندىن) پاكتۇر، ئۇلار ئۆزى ئارزۇ قىلىدىغانلىرىنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ[57]. ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خوش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ[58]. يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا (تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ) ئۇلارنىڭ ھۆكمى (يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشى) ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ![59] ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار (ئوغۇلنى ياخشى كۆرۈپ، قىزنى يامان كۆرۈش، خوتۇنى ئوغۇل تۇغسا خۇشال بولۇپ، قىز تۇغسا ئاچچىقى كېلىش، ئار ـ نومۇستىن ۋە كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ، قىزلارنى تىرىك كۆمۈشكە ئوخشاش) يامان سۈپەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ بولسا ئەڭ ئالىي خىسلەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[60]. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن (چاپسان) جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ھالاك بولۇش) ۋاقتى كەلگەندە قىلچە ۋاقىتمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، (ۋاقتى كەلمىسە) قىلچە ۋاقىتمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ[61]. ئۇلار ئۆزلىرى يامان كۆرىدىغاننى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بىلەن جۆيلۈيدۇ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (دوزاختا) تاشلىنىپ قالغۇچىلاردۇر[62]. (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرلەر) ئەۋەتتۇق، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتتى، شەيتان بۈگۈن ئۇلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر. ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[63]. (ئى مۇھەممەد!) بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) پەقەت سېنىڭ كىشىلەرگە ئۇلار (دىنىدىكى) دەتالاش قىلىشقان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا نازىل قىلدۇق[64].

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر