12 – مارت <ئىستىقلال مارشى>  قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى

بۈگۈن 12 – مارت «ئىستىقلال مارشى» قوبۇل قىلىنغان كۈن.

1600203
12 – مارت <ئىستىقلال مارشى>  قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى

بۈگۈن بىز «ئىستىقلال مارشى» نىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ مىللىي مارشى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە تەبرىكلەۋاتىمىز. بۇ مارش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي مارشى بولغىنىدەك، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ مىللىي مارشىدۇر. «ئىستىقلال مارشى» نى،  1921 – يىلى، 12 – مارت كۈنى ئازادلىق ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان مىللىي شائىرىمىز مەھمەت ئاكىف ئەرسوي يازغاندۇر. شائىرىمىزمۇ ئېيتقانداك، «ئاللاھ تائالا بۇ مىللەتكە يەنە بىر قېتىم <ئىستىقلال مارشى> يازدۇرمىسۇن!»

تۈركىيە خەلقىنىڭ مۇھىم سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان مىللىي مارشىمىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چەكسىز سۆيگۈ بىلەن تەبرىكلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر