تارىختىكى تۇنجى پەرىباجالىرى (پەرى تۇرخۇنلىرى )نى تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «پەرىباجالارى (پەرى تۇرخۇنلىرى )» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1597268
تارىختىكى تۇنجى پەرىباجالىرى (پەرى تۇرخۇنلىرى )نى تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تارىختىكى تۇنجى پەرىباجالىرى (پەرى تۇرخۇنلىرى )نى تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالىنىڭ 1712 – يىلى فىرانسىيەدە نەشر قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

كاپادوكيادىكى تاش ئۆيلەر مىلادى 600- يىلى يېزىلغان «ئەۋلىيا خېروننىڭ ھاياتى» ناملىق ئەسەردە تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. 18-ئەسىردە بىر كارۋانغا قېتىلىپ ئانادولۇدا ساياھەت قىلغان فىرانسىيەلىك ساياھەتچى پائۇل لۇكاس فىرانسىيە ئوردىسىغا يازغان مەكتۇپىدا پەرىباجالىرى ھەققىدە: «بۇلار ئىنسان كۆزلىرى بىلەن كۆرەلەيدىغان ئەڭ ئېسىل نەرسىلەر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىدۇ. پائۇل لۇكاس يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ساياھەت خاتىرىسىنى 1712-يىلى پارىژدا ئىككى توملۇق ساياھەتنامە شەكلىدە نەشر قىلدۇرىدۇ. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە كاپادوكيا رايونىدا كۆرگەنلىرىگە تەسەۋۋۇرىنى قوشۇپ مۇبالىغە ئارىلاش تەسۋىرلەيدۇ. ئۇنىڭ ساياھەتنامىسى كىشىلەرنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ ھەمدە ياۋروپالىقلار ئارىسىدا زور تالاش - تارتىش پەيدا قىلىدۇ. ھەتتا يېزىلغان ئۇچۇرلارنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن فىرانسىيە باش ئەلچىسى، ئاندىن ئەنگلىيە باش ئەلچىسى رايوننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پائۇل لۇكاسنىڭ يازغانلىرىنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.

لۇكاستىن كېيىن 19-ئەسىردە بۇ رايونغا كەلگەن ياۋروپالىق سەيياھلار ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ ئوخشىمىغان گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىغا بولغان ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمايدۇ.

1700-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۇنياغا تونۇشتۇرۇلغان پەرى تۇرخۇنلىرى ھازىرمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەۋەسكارلارنى جەلپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر