ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر

ئىبادەت ھەمىشە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن بۆلەك غەيرىدىن قورقامسىلەر؟

1595888
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نەھل سۈرىسى، 43 – 54 - ئايەتلەر. سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھيى نازىل قىلىپ، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (ئى قۇرەيش جامائەسى!) بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرى (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىلگۈچىلەر) دىن سوراڭلار[43]. (ئۇلارنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن (ئەۋەتتۇق)، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق[44]. ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ يامان ئىش قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟[45] ياكى ئۆزلىرىنى سەپەر ئۇستىدىكى چاغلىرىدا جازاغا يۇلۇقتۇرۇشىدىن قورقمامدۇ؟ (بۇ چاغدا) ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ[46]. ياكى (ئاللاھنىڭ) ئۆزلىرىنى قەدەممۇقەدەم جازالىشىدىن قورقمامدۇ؟ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەلۋەتتە مەرھەمەتلىكتۇر، مېھرىباندۇر (شۇڭا سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىدى[47]. ئۇلار ئاللاھ ياراتقان شەيئىلەرنىڭ سايىلىرىنىڭ بويسۇنغان ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىش يۈزىسىدىن ئوڭ ـ سولغا مايىل بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟[48] ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار ( ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ[49]. ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ[50]. ئاللاھ: «ئىككى ئىلاھقا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، مەندىنلا قورقۇڭلار» دېدى[51]. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئىبادەت ھەمىشە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن بۆلەك غەيرىدىن قورقامسىلەر؟[52] سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر[53]. ئاللاھ سىلەردىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاراڭلاردىن بىر بۆلۈك ئادەم دەرھال ئۆز پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ[54].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر