ئەرمېنىيەدە داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىس

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (62)

1595768
ئەرمېنىيەدە داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىس

ئەرمېنىيەدە داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىس

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (62)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئەرمېنىيەدە داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىس» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** **** ** ******

ئالدىنقى ھەپتە ئەرمېنىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى، باش مىنىستىر نىكول پاشىنياننى ئىستىپا بېرىشكە چاقىرىق قىلدى. پاشىنيان بولسا بۇ ئەھۋالغا «سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ  باھا بېرىپ، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا ئۇرۇندى ۋە كىشىلەرنى نارازىلىق بىلدۈرۈپ كوچىلارغا چىقىشقا چاقىرىق قىلىش ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇردى. ھۆكۈمەتنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېرېۋاندا يىغىلىشقا باشلىدى. ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى بولسا، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىىپ تاشلىنىشىنى تەستىقلىمىدى. شۇنىڭ بىلەن باش مىنىستىر پاشىنيان بۇ ئەھۋالدا پرېزىدېنتنىڭمۇ «سىياسىي ئۆزگىرىش» كە قاتناشقان بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەرمېنىيەدىكى بۇ كىرىزىسنىڭ ئارقىسىدا بىر بىرىگە مۇناسىۋەتلىك 3 سەۋەب بار. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، ئەرمېنىيەدە داۋاملىشىۋاتقان نامراتلىق ۋە چىرىكلىك. ناچار باشقۇرۇشتىن كېلىپ چىققان بۇ ئەھۋال ئەسلىدە پاشىنيان سەۋەب بولمىغان، لېكىن ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ تېپىشتىن يىراق بىر مەسىلىدۇر. پاشىنياننىڭ 2018-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ نامراتلىق ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تاپالايدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدنىڭ مۇھىم تەسىرى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى رۇسىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان ۋە  مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالمىغان ئىلگىرىكى ھاكىمىيەتكە نىسبەتەن پاشىنيان ھاكىمىيىتىنى ئىككىنچى تاللاش سۈپىتىدە كۆرۈپ قوللىغان ئىدى.  

ئىككىنچى سەۋەب، ئەزەربەيجاننىڭ غەلىبىسى ۋە ئەرمىنىيەنىڭ ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇشىدۇر. ئەرمېنىيە ھۆكۈمەتلىرى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملاشقان دىپلوماتىك سۆھبەتلەردە مۇرەسسە قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن ئىشغالىيەت سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرالىغان ئىدى. پاشىنيان ھاكىمىيىتى بولسا سۆھبەتلەردە «تىنچلىق ئۈچۈن يەر» نىڭ ئورنىغا ئىشغالىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن «يېڭى ئۇرۇش» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدا ئەرمېنىيە يېڭى يەرلەرنى ئىشغال قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئىشغال قىلىنغان رايونلاردىنمۇ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. 10 – نۇيابىردا ئۈچ تەرەپ خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغان پەيتتە، پاشىنياننىڭ كامېرالارنىڭ ئالدىغا چىقالماسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شەرتلىرى ئەرمېنىيە خەلقىگە نىسبەتەن ئېغىر بىر زەربە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى پاشىنيان ھۆكۈمىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى سىياسەت، ئارمىيە ۋە ئەرمېنىيە خەلقى ئۈچۈنمۇ ھەزىم قىلىش ئىنتايىن قېيىن بىر دەۋرنى باشلىغان بولدى.

ئۈچىنچى سەۋەب، ئەرمىنىيەدىكى ئاخىرى چىقمىغان كۈچ تالىشىش كۈرىشىدۇر. ئەرمەنىستاندىكى كۈچ تالىشىشتا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەرمېنىيە دىئاسپورالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل گۇرۇپپىلار ئورۇن ئالماقتا. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ھاكىمىيەت كۈرىشىدە ھوقۇققا ۋە قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان دۆلەتلەر بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقلىرى نوپۇز تالىشىش كۈرىشىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى تەشكىل قىلماقتا.

گەرچە «ماكرو نوپۇز تالىشىش كۈرىشىنىڭ ئاساسىنى رۇسىيە بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش تەشكىل قىلغان» دېگەن يۈزەكى قاراش مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش مىكرو نوپۇز كۈرىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندە تېخىمۇ  چېگىش ھالغا كەلمەكتە.

ئەسكەرتىش خاراكتېرلىق ھەربىي ئۇقتۇرۇشقا قارشى چىقىشنىڭ كويىدا يۈرگەن پاشىنيان ئەمدىلىكتە ھاكىمىيىتىنى يەنە بىر مەزگىل بولسىمۇ ساقلاپ قالالايدىغاندەك قىلىدۇ. بىراق بۇ ئەھۋال ئەرمېنىيە سىياسىتىدە مۇقىملىقنىڭ قولغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى بايا تىلغا ئالغان ئۈچ سەۋەبنىڭ ھەممىسى يەنىلا كۈچكە ئىگە. نە پاشىنيا ھۆكۈمىتىنىڭ، نە ئارمىيەنىڭ، نە يېڭى قۇرۇلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مۇقىمسىزلىقنى تۈگىتەلەيدىغان سېھىرلىك تاياق يوق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر