ئەرمېنىيەدىكى سىياسىي كىرىزىس

ياۋروئاسىياغا نەزەر- 62

1595148
ئەرمېنىيەدىكى سىياسىي كىرىزىس

ئەرمېنىيەدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر

 ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

2021-يىلى، 24 – فېۋرال كۈنى، ئەرمېنىيەدە ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا، رۇسىيەدە ئىشلەنگەن  «ئىسكەندەر» ناملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسى سەۋەبىدىن كىرىزىس يۈز بەردى. ئەرمېنىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سېرج ساركسيان، ئارمىيەنىڭ خامچوتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قىسقارتىلغانلىقىنى ۋە ئالدىنقى قاراباغ ئۇرۇشىدا «ئىسكەندەر» ناملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. باش مىنىستىر نىكول پاشىنيان بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، «ئىسكەندەر» نىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى، ئەمما باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتقانىدى. بۇ تالاش – تارتىشلارغا ئارمىيە گېنېراللىرىمۇ داخىل بولغان، پاشىنيان باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ بىرىنچى ياردەمچىسىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانىدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، 2021-يىلى، 25 – فېۋرال كۈنى، ئەرمېنىيە باش ئىشتاب باشقارمىسى ھۆكۈمەتكە مېموراندۇم تاپشۇرۇپ، نىكول پاشىنياننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. باش ئىشتاب باشلىقى ئونىك گاسپاريان ئىمزالىغان مېموراندۇمدا، باش مىنىستىر بىلەن ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە دۆلەت ئۈچۈن زۆرۈر قارارلارنى چىقارالايدىغان سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقى يېزىقلىق ئىدى. دەل شۇ پەيتلەردە، ئېرىۋان سامالىرىدا «Su-30» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۆۋەن ئۇچتى.

باش مىنىستىر پاشىنيانمۇ، باش ئىشتاب باشلىقى ئونىك گاسپارياننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى يىغىلىشقا چاقىردى. چۈشتىن كېيىن جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلغان نىكول پاشىنيان، ئارمىيەنىڭ باياناتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

پاشىنياننىڭ نۇتقىدىن كېيىن، ئەرمېنىيە باش ئىشتاب باشقارمىسى، ئىككىنچى قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. ئۆكتىچىلەر ئارمىيە تەرەپنىڭ باياناتىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى، ھەمدە چېدىر قۇرۇش ئارقىلىق باش مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى ئۈچۈن كوچىدا بولىدىغانلىقىلىرىنى بىلدۈردى.

ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى ئەرمېن ساركسيان، ئۈچ كۈن كۈتكەن ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش خېتىنى باش مىنىستىر پاشىنيانغا قايتۇردى. باش مىنىستىر پاشىنيان بۇ قارارنى پىرېزىدېنتقا قايتا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ۋە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنمىغانلىقىنى بايان قىلدى.  ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش مەسىلىسى، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىدە ھەل قىلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.

44 كۈنلۈك قاراباغ ئۇرۇشىدا ئەرمېنىيە مەغلۇپ بولغاندىن بۇيان، ئەرمېنىيە ئۆكتىچىلىرى باش مىنىستىر پاشىنياننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. پىرېزىدېنت ساركسيانمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان پاشىنيان بولسا، ئومۇمىي سايلامنىڭ دەل ۋاقتىدا، يەنى 2022-يىلى ئۆتكۈزۈلۈشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پاشىنيان قوللىغۇچىلىرىنى 1-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ يىغىلىشقا تەكلىپ قىلدى. 1-مارت ئەرمېنىيە سىياسىتىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. 2008-يىلى، 1 – مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا  دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى  مۇداخىلە قىلغان، بۇ جەرياندا 8 پۇقرا بىلەن ئىككى دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. ساقچىلارنىڭ ئارمىيەنىڭ دەل ئەكسىچە ھازىرغىچە پاشىنيان تەرەپتە تۇرۇشى، كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يېقىنقى ئۆزگىرىشلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، غەرب ئەرمېنىيە كرىزىسى مەزگىلىدە پاسسىپ ھالەتتە تۇرماقتا. رۇسىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان باياناتلاردا، ۋەقەلەر ھازىرچە ئەرمېنىيەنىڭ «ئىچكى ئىشلىرى» دەپ قارالماقتا. تۈركىيە بولسا، ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئىكەنلىكىنى، ئارمىيەنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشماسلىقى ۋە ئەرمېنىيەنىڭ كېلەچىكىنى خەلقنىڭ بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى جاكارلىدى.

قوشنىلىرى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەرمېنىيەنىڭ بۇنداق سىياسىي كرىزىسقا يولۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر