ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار
شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نەھل سۈرىسى، 35 – 42 - ئايەتلەر. مۇشرىكلار: «مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىمىز ئاللاھنى قويۇپ ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق، ئاللاھ ھارام قىلمىغان (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىسىز) ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دېدى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەت (ھىدايەت قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر)[35]. بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ، (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار[36]. سەن ئۇلارنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ، ئاللاھ ئۆزى گۇمراھ قىلغان كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلارنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق مەدەتكار يوق[37]. ئۇلار: «ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرمەيدۇ » دەپ قاتتىق قەسەم ئىچىشتى، ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ( ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەيدۇ (شۇڭلاشقا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدۇ )[38]. ئاللاھ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئۇلارغا ئايرىپ بېرىش ۋە كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن (ئۇلارنى قايتىدىن تىرىلدۈرىدۇ)[39]. بىز بىرەر شەيئىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكچى بولساق، ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دەيمىز ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ[40]. زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى دۇنيادا چوقۇم ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار بىلىدىغان بولسا، ئۇلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭدۇر[41]. ئۇلار (ئېغىرچىلىقلارغا) سەۋر قىلدى، ئۇلار (ھەممە ئىشتا) پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ (يەنى يۆلىنىدۇ)[42].