سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (08) — پوللىئو (كەمەرى) نور كۆۋرۈكى

تۆۋەندە نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت» ناملىق سەھىپىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز...

1589847
سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (08) — پوللىئو (كەمەرى) نور كۆۋرۈكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئانادولۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ھەر خىل مەدەنىيەتلەر كېلىپ- كېتىپ تۇرغان جاي ... دەۋرلەر بويى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان ئانادولۇ جۇغراپىيەسى مىسلى تېپىلغۇسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە بولۇپ... تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىلىرى ، ھەر بىر رايونىدىكى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان سۇ قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئابىدىلىرى بىلەن ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. بىر – بىرىدىن مۇھىم ۋە قىممەتلىك بۇ سۇ قۇرۇلۇشلىرى سايىسىدا تۈركىيە، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۈستى ئوچۇق مۇزىيلىرى قاتارىغا كىرىدۇ.

* * * *

ئىنسانلار ئەزەلدىن ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا بويۇن ئەگمەي، ئۇلارغا چارە تېپىشقا تىرىشىدىغان قەتئىي ئىرادىلىك مەۋجۇتلۇق بولۇپ كەلدى. بىزنىڭ ئىلىم – پەن ۋە تېخنولوگىيە ساھەدىكى تەرەققىياتلىرىمىز بۈگۈنگە نىسبەتەن ئەھمىيەتسىزدەك كۆرۈنىدىغان ئەشۇ مۇشەققەتلەرگە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇ مۇشەققەتلەرنى يېڭىش يولىدىكى قەتئىي ئىرادىسىگە قەرزدار. ئىنساننىڭ سۇ بىلەن بولغان سەرگۈرەشتىسىمۇ مۇشۇ يولنى بويلاپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ سۇغا بولغان بېقىندىلىقى ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى باشقا نۇقتىلارغا يەتكۈزىدۇ. ئىنسان باشقا جانلىقلارنىڭ ئەكسىچە، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلىتىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئىنسانلار ئىپتىدائىي دەۋرلەردىن بۇيان ھەر خىل ئۇسۇللارنى سىناپ كۆردى... قۇدۇقلارنى كولىدى، كۆلچەكلەردە يامغۇر ۋە قار سۇلىرىنى يىغدى، دەريالارغا توسمىلارنى ئىنشا قىلىپ، سۇلارنى زاپاسلىدى... كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە بولسا، شۇ چاغقىچە جۇغلىغان ئىلىم ۋە تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىپ، نورلارنى ياسىدى. شۇنىڭ بىلەن، ناھايىتى يىراق جايلاردىكى بىر بۇلاق ياكى دەريانىڭ سۇلىرىنى شەھەرلەرگە ئېلىپ كېلەلەيدىغان بولدى.

يۇنان ۋە رىم شەھەرلىرى ئادەتتە سۇ قىيىنچىلىقى كۆپ كۆرۈلىدىغان جايلار ئىدى. سۇنى ئادەتتە شەھەر سىرتىدىن ئېلىپ كېلىشكە توغرا كېلەتتى. چەت – ياقا يەرلەردىن كەلتۈرۈلىدىغان سۇ بەزىدە يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ جايلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر ئىدى. سۇنى تاغ ياكى جىلغىلارنىڭ ئەتراپىدىن ئايلاندۇرۇپ ئەكىلىشنىڭ چىقىمى كۆپ، مۇشەققىتى ئېغىر ئىدى. مانا بۇ نۇقتىدا ئۆز دەۋرىنىڭ ئىنژېنېرلىرى تاغلار، ۋادىلار، دەريالارغا كۆۋرۈك شەكىللىك نورلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى يەڭدى... تېخىمۇ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بىز تىلغا ئالغان نورلار ئوخشاش ئېگىزلىكتىكى ئىككى نۇقتىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ھەر خىل توساقلاردىن بىمالال ئۆتۈشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ياسالغان كۆۋرۈك ئىدى. يەر شارائىتىغا ئاساسەن بىر ياكى بىر نەچچە قەۋەتلىك كۆۋرۈك شەكىللىك نورلار ياسىلاتتى. سۇنىڭ كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نوردىن راۋان ئېقىشى ئۈچۈن، ناھايىتى ئىنچىكە ھېسابلاش تەلەپ قىلىناتتى. رىم نور كۆۋرۈكلىرى بۇ ھېسابلاشلارنىڭ بۈگۈنكى ئىنژېنېرلارنى ھەيران قالدۇرغۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. يەرنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنيىتىگە ئاساسەن ياسالغان نور كۆۋرۈكلەردىكى سۇلار سىلىقلانغان تاش تۇرۇبىلاردىن ئېقىپ ئۆتەتتى. سۇنىڭ بۇلغىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن نورلار يا تاش بىلەن ياكى لاي بىلەن قاپلىناتتى. نورنىڭ يەرگە يېتىپ بارغان يېرىدە ئومۇمەن بىر سۇ ئاقىدىغان جۆمەك بولاتتى.

گەرچە نور كۆۋرۈكلەر ھەم تۇرمۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە بىناكارلىق جەھەتتە مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما قەدىمكى رىم ئىنژېنېرلىرى ھەر خىل تەنقىدلەرگە ئۇچراپ تۇراتتى. بۇ ھەيۋەتلىك، نەپىس ۋە كۆركەم ئەگمە نور كۆۋرۈكلەرنىڭ كېرەكسىزلا ياسالغانلىقى ۋە چىقىمىنىڭ يۇقىرىلىقى ئىلگىرى سۈرۈلەتتى. بىراق، نور كۆۋرۈكلەر رىملىقلارغا نىسبەتەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كەم بولسا بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندىكى، ھەتتا ئۇلار تەڭگە پۇللىرىغىمۇ نور كۆۋرۈكلەرنىڭ شەكىللىرىنى بېسىشقا باشلىدى. بۇ پۇللارنىڭ سايىسىدا ساقلىنىپ قالغان نۇرغۇن نور ئۆستەڭلەرنىڭ تارىخى ئايدىڭلاشتى، بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ قالالمىغانلار بولسا، تارىخىي پاكىتلار قاتارىدا ئارخىپلىرىمىزدىن ئورۇن ئالدى.

* * * *

بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ قالغان، شۇنداقلا ھازىرمۇ شەھەرنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قامداپ كېلىۋاتقان ئىككى قەۋەتلىك نور كۆۋرۈكلىرىنىڭ ئادەمنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغانلىرىدىن بىرى ئىسپانىيەنىڭ سېگوۋىيە شەھىرىگە جايلاشقان. ئەفەستىكى ئىككى قەۋەتلىك پولىئو نور كۆۋۈرك بولسا، ئانادولۇدىكى ئەڭ يارقىن مىساللارنىڭ بىرى. تۈركىيەدىكى رىم دەۋرىگە مەنسۇپ ئەڭ قەدىمكى نور كۆۋرۈك — پوللىيو نور كۆۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ.

ئەفەس ... قەدىمكى دۇنيانىڭ مۇھىم ۋە ھەيۋەتلىك پورت شەھىرى... ئاقدېڭىزنىڭ سىياسىي ۋە سودا مەركىزى... ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم كېسىشىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى... رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى  ئەفەس، 200 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. شەھەرنىڭ بىناكارلىق بايلىقى رىم بىلەن رىقابەت ھالىتىدە ئىدى. ئىلىم، مەدەنىيەت ۋە سەنئەتتە ئەزەلدىن مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن بۇ شەھەر، رىم ئىمپېرىيەسىدىن كېيىن، ۋىزانتىيە ۋە ئوسمانلى دەۋرلىرىدىمۇ كىشىلەر ئولتۇراقلىشىشنى ياقتۇرىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇردى.

ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان ئەفەس قەدىمىي شەھىرى ھازىر ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ  دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا. ئۆزلىرى گۇۋاھ بولغان دەۋرلەرنى، كەچۈرمىشلەرنى ئارىدىن نەچچە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ زىيارەتچىلىرىگە ئىنتايىن تەسىرلىك شەكىلدە بايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەفەس — قەدىمكى دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسىنىڭ بىرى دەپ قارالغان ئارتېمىس بۇتخانىسى، ئىسكەندەرىيە ۋە پېرگامۇندىن قالسا، قەدىمكى دەۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈتۈپخانىلىرىنىڭ بىرى بولغان كېلكۇس كۇتۇپخانىسى ۋە 25 مىڭ كىشىلىك چوڭ تىياتىرخانىسى بىلەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا!

* * * *

ئەفەس قەدىمىي شەھىرى ھەر دەۋردە سۇ يېتىشمەسلىكنىڭ كۈلپىتىنى تارتقان بىر شەھەر ئىدى... بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمىشە يېڭى ئۇسۇللار ئىزدەلدى، ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ھەر خىل سۇ قۇرۇلۇشلىرى بەرپا قىلىندى، ئوخشىمىغان مەنبە ۋە ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شەھەرگە سۇ كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. شۇڭلاشقا، ئەفەس سۇ ئىنژېنېرلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. ئۆز نۆۋىتىدە، ئانادولۇدىكى ئەڭ مۇھىم قەدىمكى سۇ يەتكۈزۈش سىستېمىلىرىنىڭ بىرى ئەفەسنىڭ سۇ يوللىرىدۇر.

پايتەخت بولغاندىن كېيىن ئەھمىيىتى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيگەن ئەفەستە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئولتۇراقلىشىشقا باشلايدۇ ۋە شەھەر زورىيىدۇ. سۇ قىيىنچىلىقى قايتىدىن باش كۆتۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەفەس ئۈچۈن چوقۇم يېڭى ھەل قىلىش چارىسى تېپىش زۆرۈر ئىدى. يىراق يەرلەردىن نورلار، نور كۆۋرۈكلەر ئارقىلىق ئېلىپ كېلىنگەن تەقدىردە شەھەرنىڭ سۇ كەمچىللىكى مەسىلىسى ھەل بولىدۇ، دەپ قارالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇزۇنلۇقى 8 كىلومېتىر كېلىدىغان، جەمئىي ئالتە نور كۆۋرۈكتىن ئۆتىدىغان پولىئو سۇ يولى  — نورى تەسىس قىلىندى. پولىئو نور كۆۋرۈكلۈك سۇ يولى  قەدىمكى دەۋردە مارناس دەپ ئاتىلىدىغان دەربەنتدەرە دەرياسىنى بىرىنچى قەۋىتىدە ئۈچ چوڭ ئەگمە، ئىككىنچى قەۋىتىدە ئالتە كىچىك ئەگمە بىلەن كېسىپ ئۆتكەن ئابىدە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشتۇر. بۇ ئىككى قەۋەتلىك نور كۆۋۈرۈك،  ئىنژېنېرلىق ۋە بىناكارلىق جەھەتتە بىر سەنئەت ئابىدىسى دەپ قارىلىدۇ. نور كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇنى ياسىغان ۋە ئۇ بېغىشلانغان كىشىلەرنىڭ ئىسمى لاتىن ۋە گىرېك يېزىقلىرى بىلەن يېزىلغان تاختايلار بار.

* * * *

نور كۆۋرۈكلەر ئانادولۇ جۇغراپىيەسىدە ئويلىمىغان يەردىن ئالدىڭىزغا چىقىدىغان يادىكار قۇرۇلۇشلاردۇر. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسىڭىزمۇ، بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ قالغان خارابىلەر ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدۇ! ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ھالەتتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىرىمۇ باركى، ھەيرانلىقىڭىز بىلەن تەئەججۈپلىرىڭىزنىڭ قايسىسىنىڭ ئېغىر بېسىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەيلا قالىسىز. شۇنداق، نور كۆۋرۈك ۋە نور ياساشقا ماھىر رىملىقلار رىملىقلار ئىستانبۇل، ئەفەس، بەرگاما ۋە ئانتاليادا ئۆزىدىن كېيىنكى مەدەنىيەتلەرگە نۇرغۇنلىغان ئۆلمەس سەنئەت يادىكارلىقلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر