سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (07) — ۋان كۆلى ۋە ئۇرارتۇلارنىڭ سۇ قۇرۇلمىلىرى

تۆۋەندە نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز...

1585379
سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (07) — ۋان كۆلى ۋە ئۇرارتۇلارنىڭ سۇ قۇرۇلمىلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: پادىشاھ ئويچان كۆزلىرى بىلەن تاغلار ۋە تىك قىيالار بىلەن قورشالغان قاقاس يەرلەرگە قارايدۇ... يان تەرىپىدىكى چەكسىز كەتكەن سۇغا قاراپ ئۇنىڭ كۆل ياكى دېڭىزلىقىنى بىلەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويغۇدەك دەرىجىدە بىپايان ۋە كۆز يەتكۈسىز ئىدى... بۇ  چەك – چېگراسى كۆرۈنمەيدىغان سۇ پادىشاھنىڭ نەزىرىدە تۇيۇقسىزلا تاغلار ۋە قاقاس يەرلەرنى ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. پادىشاھ ئويلىرىدىن سىلكىنىپ ئۆزىگە كېلىدۇ، چىرايى ئېچىلىدۇ. چۈنكى سۇ بار يەردە ھاياتلىق بار ئىدى، سۇ بولسا ھەممىلا نەرسە بار، ھەممىلا ئىش مۇمكىن ئىدى. پادىشاھ خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشنى قارار قىلىدۇ.

* * * *

تۈركىيەنىڭ شەرق تەرىپىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى مۇرەككەپ، كىلىمات شارائىتى ناچار. گەرچە كىلىمات ۋە يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولسىمۇ، يەنىلا ئاساسىي قائىدە بۇزۇلمايدۇ، دېڭىزنى ئەسكە سالغۇدەك دەرىجىدىكى بىپايان سۇ مەنبەسىگە يېقىن جايدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى بىرىنچى ئېرادا كۈچلۈك بىر پادىشاھلىق تارىخ سەھنىسىدە ئورۇن ئالىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ كۆلى  — ۋان كۆلىگە، ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيانىڭمۇ ئەڭ چوڭ سودا كۆلىگە يېقىن يەرگە قۇرۇلغان بۇ مەدەنىيەت – ئۇرارتۇ مەدەنىيىتى ئىدى. ئۇرارتۇلار مەدەنىيەت، سەنئەت، بىناكارلىق ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئانادولۇ ۋە دۇنيا مىراسلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

* * * *

ئۇرارتۇ دۆلىتىنىڭ پايتەختى تۇسپا — ھازىرقى ۋان شەھىرى ئىدى. ۋان كۆلى ئويمانلىقىدا قۇرۇلۇپ ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك تارىختا ئىز قالدۇرغان بۇ مەدەنىيەت سۇ، بىناكارلىق ۋە مىنېرال پىششىقلاپ ئىشلەشتە ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇرارتۇلار ئولتۇراقلاشقان ئۇ مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك ئورۇننى ئۆزلىرىنىڭ خالىغىنىچە شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇنى دېھقانچىلىققا ماسلاشتۇرىدۇ ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان سۇ قۇرۇلمىلىرىنى بەرپا قىلىدۇ.

قېزىپ تەكشۈرۈشلەر ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە، ئۇرارتۇ پادىشاھلىرىنىڭ سۇ قۇرۇلمىلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى؛ ئۇلارنىڭ 60 تىن ئارتۇق توسما، كۆلچەكنى ياساتقۇزغانلىقى ۋە ئۆستەڭلەرنى ئالغۇزغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئادەمنىڭ بۇ سانغا ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ! قىزىقارلىق يېرى، ئۇ ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە سۇ قۇرۇلمىسى ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى! بۇ قۇرۇلۇشلارنى قىزىقارلىق قىلغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، توسما ۋە ئۆستەڭلەرنىڭ ھەر بىرىدە كەم دېگەندە بىرەر پارچە يازما يادىكارلىقنىڭ بولۇشىدۇر. پادىشاھلار بۇ يازما يادىكارلىقلاردا تۇپراقلارنى تېرىپ مەھسۇلات ئالغىلى بولىدىغان قىلىش ئۈچۈن توسما ۋە باشقا سۇ قۇرۇلمىلىرىنى ياساتقۇزغانلىقلىرىنى بايان قىلغان. ھەر بىر پادىشاھ بۇ يازمىلارغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئىلاۋە قىلدۇرغان... توسما، كۆلچەك ۋە ئۆستەڭلەرنىڭ ياردىمىدە كېرەكسىز يەرلەر دائىم سۇغىرىلىپ مۇنبەتلەشتۈرۈلگەن ۋە سۇ سىستېمىلىق ھالدا كىشىلەرگە تەقسىم قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ، ئانادولۇنىڭ شەرقىدە ئۇرارتۇ پادىشاھلىقى تۇنجى قېتىم سۇغىرىشنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىقنىڭ ئۇلىنى قويغان. ئۇرارتۇ مەدەنىيىتى كېيىنكى دەۋرلەردە پارس، يۇنان، ۋىزانتىيە ۋە ئوسمانلى دەۋرىگە يۆتكىلىدىغان بۇ ئەنئەنىنىڭ باشلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.

مۇتەخەسسىسلەر نۇرغۇن سۇ قۇرۇلمىسى تېپىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ رايوننى ئانادولۇ ۋە كونا ئالدىنقى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ «گىدراۋلىك مەدەنىيەت» ياكى «توسما رايونى» دەپ ئاتايدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردە كىلىمات ۋە يەر يۈزىنىڭ ناچار شارائىتىغا قارىماي، رايونغا ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياشاش پۇرسىتى بەرگەن بۇ سۇ قۇرۇلمىلىرىنىڭ بەزىلىرى بۈگۈنمۇ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ!… شۇنداق، بۇنىڭدىن 2700 يىل ئىلگىرى ياسالغان ئۆستەڭ ۋە توسمىلار ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز! 2700 يىل ئىلگىرى ياشىغان مەدەنىيەت قۇرۇلۇش ۋە بىناكارلىق ساھەسىدە شۇنداق ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغانكى، گەرچە يەر تەۋرەش رايونىدا بولۇشىغا قارىماي، سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇشلار تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە! سىلەرچىمۇ بۇ ھەيران قالارلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇ، ئۇنى چاپتۇرغان ئۇرارتۇ پادىشاھىنىڭ ئىسمى بىلەن تونۇلغان. بۇ ئۆستەڭ دۇنيا سۇ قۇرۇلۇشىدىكى ھەيران قالارلىق قۇرۇلۇش دەپ قارىلىدۇ. بۇ قانالنىڭ 2700 يىل ئىلگىرى ھاياتلىق بېغىشلىغان تۇپراقلارغا ھازىرمۇ ھاياتلىق بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئىنسان ھەيران قالماي، قايىل بولماي تۇرالمايدۇ! ھازىر شامران دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قانالغا ئۆز ۋاقتىدا ئاسسۇر ئايال پادىشاھى سەمىرامىسنىڭ ئىسمىنىڭ بېرىلگەنلىكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سەمىرامىسنىڭ ئىسمى سامرانغا ئايلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىدۇ. بىراق بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئېنىق ئۇچۇر يوق.

ئۇرارتىلارنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر سۇ قۇرۇلمىسى كەشىشگۆل توسمىسىدۇر.  بۇ تېمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى:، دەۋر ۋە چىدامچانلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇرارتۇلىقلار ياسىغان توسما، كۆلچەك ۋە سۇغىرىش يوللىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئۆرنىكى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىدۇ. سۇنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئالاقىدار ئەڭ مۇھىم قۇرۇلمىلارنىڭ ئانادولۇدا بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس!

ئۇرارتۇ پادىشاھلىرى ئۆزلىرى ياساتقۇزغان سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى بىلەن بۇ رايوننى دېھقانچىلىق ۋە باقمىچىلىقتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئايلاندۇردى. قېزىش خىزمەتلىرى ئەسناسىدا كۆپ مىقداردا يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ​​قاچىلانغان نەچچە يۈز ساندۇق تېپىلدى. بۇ ساندۇقلاردىكى پۇرچاقتىن ئارپا ۋە بۇغدايغىچە، ئۈزۈمدىن كۈنجۈت يېغىغىچە بولغان ھەر خىل مەھسۇلاتلار بىزگە ئۇرارتۇلارنىڭ دېھقانچىلىقتا قانچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

* * * *

ئەلۋەتتە، ئۇرارتۇلار ھەققىدە توختالغاندا، پەقەت سۇ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۆزلەشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇرارتۇلار بىناكارلىق ۋە مېتال ئىشلەش مەسىلىسىدىمۇ ئالدىنقى ئورۇندىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇلار ياشىغان دەۋردە تاش ۋە مېتال ئىشلەش ئۇستىلىرى تىلغا ئېلىنغاندا، بىرىنچى بولۇپ ئەسكە كېلىدىغان تۇنجى مەدەنىيەت ئۇرارتۇلار ئىدى. بۇ رايوننىڭ مىس ۋە تۆمۈر زاپىسىنىڭ موللىقى، قېزىش جەريانىدا تېپىلغان زىبۇزىننەت، تاۋار ۋە دېھقانچىلىق قوراللىرىنىڭ كۆپلۈكى ئەينى دەۋردىكى كانچىلىق ۋە سودىنىڭ دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

پىروگراممىمىزنىڭ بېشىدىمۇ ئېيتقىنىمىزدەك، ئۇرارتۇلار ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى تاغلار تىك، كىلىمات ناچار ئىدى. بۇ جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۇرارتۇلىقلار يەنە بىناكارلىقتا ئۆزگىچە قۇرۇلۇشلارنى روياپقا چىقاردى، قۇرغان شەھەرلىرى، سالغان چوڭ قەلئەلىرى ۋە ياسىغان سۇ قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق رايوننى گۈللەندۈردى.

ئۇرارتۇلىقلار شەھەرلىرىنى مەلۇم پىلان بويىچە، باشقىچە ئېيتقاندا، يەر تۈزۈلۈشى قانداق بولسا شۇ يۇسۇندا ئەمەس، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىغا مۇۋاپىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قۇرۇپ چىقتى. ئۆيلىرىنى پەلەمپەيلەر شەكلىدە يانتۇلۇققا سالدى؛ شەھەر ۋە قەلئەلىرىنىڭ قارشى تەرەپتە تۇرۇپ قارىغاندىكى پىرامىدالارغا ئوخشاش ھالىتى دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بىر خىل ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇرارتۇ پادىشاھلىرى يەنە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ۋان كۆلى ئويمانلىقىغا ئورۇنلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. پايتەخت تۇسپا ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك ۋە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. شەھەر پىلانىدا، كەڭ كوچىلارنىڭ تىك كوچىلار بىلەن كېسىشىشى «تور پىلانى» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداق تۇسپا بۇ پىلان ئىجرا قىلىنغان ئەڭ قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى  سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقىدۇ. ئۇرارتۇ پادىشاھلىرى يەرلىك خەلقلەرنى شەھەرلەرگە تېخىمۇ راھەت شەكىلدە ئولتۇراقلاشتۇرىدۇ ... ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە ئېلىنغان يەرلەردە قۇرغان يېڭى شەھەرلەردە بولسا، قائىدە – نىزامى تېخىمۇ كۈچلۈك ئولتۇراقلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. شەھەرچىلىك چۈشەنچىسىنى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئۇرارتۇلارنىڭ بىناكارلىق ۋە قۇرۇلۇش جەھەتتىكى قابىلىيىتى بىلەن بىرلىكتە، شەھەرچىلىك جەھەتتىمۇ ئاڭلىقلىقى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر