دۇنيانىڭ ئەڭ بىخەتەر شەھەرلىرى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «دۇنيانىڭ ئەڭ بىخەتەر شەھەرلىرى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1583906
دۇنيانىڭ ئەڭ بىخەتەر شەھەرلىرى

ئەسكىشەھىرنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ بىخەتەر شەھەرلىرى تىزىملىكىنىڭ سەككىزىنچى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

دۇنياغا داڭلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش شىركىتى — نۇمبېئو، ھەر يىلى تەييارلاپ كېلىۋاتقان دۇنيانىڭ ئەڭ بىخەتەر شەھەرلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتىكى ئالدىنقى ئون شەھەرنىڭ قاتارىدىن تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئانادولۇ رايونىغا جايلاشقان ئەسكىشەھىر شەھىرىمۇ ئورۇن ئالدى.

نۇمبېئو شىركىتى ھەر يىلى ئىزچىل ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر شەھەرلەر تىزىملىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىن ئىگىلەنگەن جىنايى قىلمىشلار نىسبىتىگە ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. 431 شەھەر مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزە قىلىنغان دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ ئەسكىشەھىر شەھىرى يېقىنقى ئۈچ يىلدا 41 بالداق بىراقلا ئۆرلەپ سەككىزىنچى رەتكە تىزىلدى. مەزكۇر تىزىملىكتە يەنە ئانتاليا 61-؛ بۇرسا 74-؛ ئىزمىر 77-؛ ئەنقەرە 183- ۋە ئىستانبۇل 263 – رەتتىن ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر