بۈركۈت پەنچىسى ھەرىكىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (59)

1581931
بۈركۈت پەنچىسى ھەرىكىتى

بۈركۈت پەنچىسى ھەرىكىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (59)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «بۈركۈت پەنچىسى ھەرىكىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشى ھەم دۆلەت ئىچىدە، ھەم چېگرا ھالقىپ قوشنا دۆلەتلەردە داۋاملاشماقتا. تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ ئىچىدە قالغان تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەزالىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئىراق ۋە سۈرىيەدىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇشقا تىرىشماقتا. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەڭ يېڭى باياناتىدا ئىراقنىڭ شىمالىدا «بۈركۈت پەنچىسى 2» ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى رايوننى ھاۋادىن نىشانغا ئالدى. تىك ئۇچارلار سەرخىل تۈرك كوماندىر-جەڭچىلىرىنى ئېگىز تاغ چوقىلىرىغا قوندۇرۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئويلىمىغان يەردىن ئېغىر زەربە بەردى.

تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كۈرىشىدە خوتنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ھەم مەملىكەت مىقياسىدا، ھەم چېگرا سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تەشكىلات ھەر ساھەدە بېسىم ئاستىدا تۇتۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر رايون شەكىللەندۈرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بولۇپمۇ ئىراقتا «قەتئىي ئىرادە ھەرىكىتى» نىڭ داۋامى خاراكتېرلىق «بۈركۈت پەنچىسى ھەرىكىتى» ئارقىلىق تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بەرمەكتە. تەشكىلاتنىڭ رايون ھاكىنىيىتىنى يوقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  بىخەتەر رايونلارغا قۇرغان قوماندانلىق مەركەزلىرى ۋە تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىمۇ بىتچىت قىلماقتا. تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ئىلگىرىكى «كىرىپ-چىقىش ئىستراتېگىيەسى»دىن پەرقلىق ھالدا، كىرىپ تازىلىغان رايونلاردا مۇقىم ئورۇنلىشىپ،  تەشكىلاتقا قارشى ھاكىم ئورۇن ياراتماقتا. بۇ ئارقىىق تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تازىلانغان رايونلارغا قايتا ئورۇنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.

ھاۋارايىنىڭ مۇناسىپ ھالغا كېلىشى بىلەن تەڭ  مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئاخىرىقى قەدىمى سۈپىتىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلانى بىلەن «بۈركۈت پەنچىسى 2» ھەرىكىتىنىڭ   گارا رايونىدا باشلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. بىر تەرەپتىن تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار رايوننى قاتتىق بومباردىمان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تىك ئۇچارلار سەرخىل كوماندىر-جەڭچىلەرنى رايونغا قوندۇرۇپ، تەشكىلات ئەزالىرىنى ئۇجۇقتۇرماقتا. يەنە كېلىپ، ئاتاق ھۇجۇمچى تىك ئۇچارلار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارمۇ ئاكتىپ ئىشلىتىلمەكتە.

رايوندا بۇنىڭدىن بۇرۇن پەشمەرگە قىسىملىرى ئىلگىرىلەپ، بەزى رايونلارغا ئورۇنلاشقان ۋە پات-پات تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن پەشمەرگە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي ھېسابلىنىدىغان گارا رايونى تولۇق تازىلىنىپ بولغۇچە ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. ئاخىرىدا پەشمەرگە قىسىملىرىنىڭ ئىلگىرىكى ھەىرىكىتىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، تۈركىيە بىلەن ئەربىل ئوتتۇرىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ماسلىشىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قولايلاشتۇرىۋاتقانلىىنى  ئېيتالايمىز.  بىر تەرەپتىن  ئەنقەرە-ئەربىل-باغداد ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم دائىرىسىدە سىنجارغا قارىتا قەدەملەر تاشلىنىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلار ئىچىدە گارانىڭ سىرتىدا تەشكىلاتنىڭ ئالقىنىدىكى باشقا رايونلارغا قارىتا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئاخىرىدا تەشكىلاتنى قەندىلگە تولۇق قاپساپ يېتىم قالدۇرغاندىن كېيىن،  بۇ رايونلاردا تېرورلۇق تەشكىلاتىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر