پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر ۋە مېھرىباندۇر
ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نەھل سۈرىسى، 7 – 14 - ئايەتلەر. ئۇلار يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى سىلەر جاپا ـ مۇشەققەت بىلەن ئاران يېتىپ بارالايدىغان جايلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر ۋە مېھرىباندۇر[7]. ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ[8]. توغرا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى[9]. ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە شۇ يامغۇر ئارقىلىق ئۆسكەن دەل ـ دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر[10]. ئاللاھ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ( ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار[11]. ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار[12]. ئاللاھ يەنە يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ياراتقان رەڭگارەڭ نەرسىلەرنى (سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى)، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار[13]. ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزنىڭ يېڭى گوشلىرى (يەنى بېلىقلىرى) نى يېسۇن، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە ـ مارجانلار) نى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ( ئاللاھنىڭ بويسۇندۇرۇشى بىلەن يېمەك ـ ئىچمەكلەر ۋە يۈك ـ تاقلار قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن[14].