ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ رايون زىيارىتى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 58

1577311
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ رايون زىيارىتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ رايون زىيارىتى.

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، 2021-يىلى 24-يانۋاردىن 29-يانۋارغىچە رايوندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. جۈملىدىن، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈپىتىدە نۆۋەت بىلەن ئەزەربەيجان، رۇسىيە، ئەرمېنىيە، گىرۇزىيە ۋە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى. جەۋاد زەرىف بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى ھەمدە كەسىپداشلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ باردى.

مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ تۇنجى بېكىتى ئەزەربەيجان ئىدى. جەۋاد زەرىف باكۇدا تاغلىق قاراباغنىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن  ئەزەربەيجانلارنى تەبرىكلىدى. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئىران شىركەتلىرىنىڭ بۇ رايوننى قايتا قۇرۇشقا قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. زەرىف، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ  تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئەسناسىدا، ئاراسنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ھەمىشە دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرىدىغانللىقىنى قەيت قىلدى.

جەۋاد زەرىف ئەزەربەيجاندىن رۇسىيەگە ئۆتتى ۋە  26-يانۋار رۇسىيەدە مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، قاراباغنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەت پىلانى ۋە ئىران يادرو پىروگراممىسىنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى، سپۇتنىك V ۋاكسىنىسىنى ئىراندا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف رۇسىيەدىن ئەرمېنىيەگە كەلدى. ئەرېۋاندا زەرىف، «ئەرمېنىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنىڭ ئىراننىڭ قىزىل سىزىقى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارا ئايۋازيان بولسا،  قاراباغ مەسىلىسى توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كېيىن، زەرىف گىرۇزىيەگە ئۆتتى. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىفلىستە گىرۇزىيە پرېزىدېنتى سالومې زۇرابىشۋىلى، باش مىنىستىرى گىئورگى گاكخارىيا بىلەن كۆرۈشتى.

زەرىف، گىرۇزىيە دائىرىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە كەلدى. جەۋاد زەرىف، ئىستانبۇلدا ئالدى بىلەن مەنسەپدىشى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئەزەربەيجان، ئىران ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. كېيىنچە، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرى باكۇدا ئېلان قىلغان «رايونلۇق ھەمكارلىق مۇنبىرى» باياناتىدىن كېيىن، جەۋاد زەرىف، بۇ مۇنبەرگە داخىل قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولدى. ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا، رۇسىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، تېھران ھۆكۈمىتى،  «رايوندىكى ئەڭ تەلەيلىك دۆلەت ئىران» دەپ قارىماقتا. بەلكىم، شۇ سەۋەبتىن، ئىراننىڭ تىفلىس باش ئەلچىسى ئەكبەر قاسىم، باشلانغۇچتا  1 + 3 (ئىران، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، گىرۇزىيە) فورماتسىيەسىنىڭ باشلىتىلىشى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دائىرىسىنى 6 دۆلەتكە كېڭەيتىشنىڭمۇ باشقا تاللاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ مۇنبەر غەرب ئەللىرىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش جەھەتتىنمۇ تېھرانغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما تۈركىيەسىز بۇ مۇنبەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىشى مۇمكىن ئەمەس.

رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا يول بولىدىغانلىقى، قاراباغ توقۇنۇشىدا ئېنىق كۆرۈلدى. كاۋكاز رايونىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىمۇ رايون دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ئەگەر ئەزەربەيجان بىلەن  تۈركىيە رەھبەرلىرى  باكۇدا ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس ئىشقا ئاشۇرۇلسا، كاۋكاز رايونى تېخىمۇ گۈللەنگەن رايون بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر