گۆكخان ھوتامىشلىئوغلۇ ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «گۆكخان ھوتامىشلىئوغلۇ» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1570583
گۆكخان ھوتامىشلىئوغلۇ ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

تۈرك ئالىمى پىروفېسسور دوكتور گۆكخان ھوتامىشلىئوغلۇنىڭ سېمىزلىك ۋە دىيابېت كېسىلىنى داۋالاش يولىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم كەشپىياتلارنى ياراتقانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

سېمىزلىك ۋە دىيابېت كېسىلىنى داۋالاش ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان پىروفېسسور دوكتور گۆكخان ھوتامىشلىئوغلۇ، جىگەرنىڭ سېمىزلىك ۋە دىيابېت كېسەللىكىدىكى رولى، شۇنداقلا ياغ ۋە كالتسىي مېتابولىزمى ھەققىدە ھەيران قالارلىق بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ يېڭى مېخانىزملارغا تايىنىپ دىيابېت كېسەللىكىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

ھوتامىشلىئوغلۇ ھازىرمۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى گېن ۋە مېتابولىزم پىروفېسسورى، شۇنداقلا گېن ۋە مۇرەككەپ كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ئالىملارنى تەربىيەلەپ چىققان ۋە نۇرغۇن تۈرك ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىغا قوبۇل قىلىش ئارقىلىق كەسپى ساھەسى ئۈچۈن تەييارلىغان ھوتامىشلىئوغلۇ، مېتابولىزم كېسەللىكلىرى توغرىسىدا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر