ئۇلار قۇرئاننى پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى

پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز.

1568998
ئۇلار قۇرئاننى پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھىجر سۈرىسى، 91 – 99 - ئايەتلەر. ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قۇرئاننى پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى (يەنى قۇرئاننىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلدى)[91]. پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز[92ـ 93]. ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلار (نىڭ مەسخىرەلىرىگە) پەرۋا قىلمىغىن[94]. سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز[95]. ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ[96]. بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز[97]. پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن[98]. سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن[99]



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر