ئامېرىكانىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە رۇسىيە – خىتاي مۇناسىۋىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (56)

1568978
ئامېرىكانىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە رۇسىيە – خىتاي مۇناسىۋىتى

ئامېرىكانىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە رۇسىيە – خىتاي مۇناسىۋىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (56)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئامېرىكانىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە رۇسىيە – خىتاي مۇناسىۋىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** **** ** ******

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار 20-يانۋاردىن ئېتىبارەن جو بايدېن ئامېرىكانىڭ 46- پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەزىپىسىنى باشلىدى. بايدېن يېقىنقى 70 يىللىق ئامېرىكا تارىخىدا ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشىپ پرېزىدېنتلىققا سايلانغان دېموكراتچىلار نامزاتى سۈپىتىدە تارىختىن ئورۇن ئالدى.

نويابىردىن يانۋارغىچە بولغان جەريان تەخمىن قىلىنغاندەك مالىمانچىلىققا تولغان مەزگىل بولدى. تىرامپنىڭ تىنچ ھالدا پرېزىدېنتلىقنى تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىدى. ئەمما ھېچكىم ۋەقەلەرنىڭ بۇ دەرىجىگە يېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايتتى. 6- يانۋاردا ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كىردى. قانلىق ھۇجۇمدا 5 كىشى قازا قىلىپ، ئامېرىكانىڭ دۇنيا مىقياسىدا ناچارلىشىۋاتقان ئوبرازىنى تېخىمۇ بۇزدى.

قانلىق ھۇجۇمدىن كېيىن، تىرامپنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم بېلەت تاشلاندى. ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا بىز كۆرۈپ كۆنگەن كۆرۈنۈشلەرگە سەھنە بولدى. 25 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى پايتەخت كوچىلىرىدا توساقلارنى ئورنىتىپ، دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈز بېرىۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكىدا كوۋىد-19 سەۋەبىدىن كۈندىلىك قازا قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى 4000 دىن ئېشىپ كەتتى. «يېغىپ ئېيتقاندا بايدېن بىر خارابىلىكنى تاپشۇرۇپ ئالدى» دېسەك خاتا بولمايدۇ. ئۇنداقتا بايدېن زادى قانداق بىر ئامېرىكانى بەرپا قىلماقچى؟

بۇ سوئالغا قارىتا بايدېن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىقتەك قىلىدۇ. بايدېن ئامېرىكانىڭ ئەسلىگە قايتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ بايانات نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن بايدېننىڭ دۆلەت ئىچى ۋە تاشقى سىياسىتىگە بولغان ئومۇمىي تونۇشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر رامكا، دەپ چۈشىنىلدى. ئۇنداقتا ئامېرىكانىڭ ئەسلىگە قايتىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

بايدېننىڭ تاشقى سىياسىتى رامكىسىنى سىزىپ بەرگەن بۇ پوزىتسىيەنىڭ بىرىنچى تۈۋرۈكى ئامېرىكا رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەتتۇر. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىللىنكېن «ئەگەر ئامېرىكا يەرشارى سىستېمىسىغا رەھبەرلىك قىلمايدىكەن، بۇ ھاكىمىيەت بوشلۇقىنى مۇستەبىت كۈچلەر تولدۇرىدۇ ۋە بۇ ئەھۋال خەلقئارا سىستېمىدا مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بايدېن تاشقى سىياسەتتە ئالدى بىلەن ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەكلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. بۇ رەھبەرلىكنىڭ ئىككى مۇھىم تارماق قىسمى بار. بىرىنچىسى، ئامېرىكانىڭ بۇزۇلغان ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىككىنچىسى خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى كۈچلۈك رەھبەرلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

بايدىننىڭ ئىككىنچى مۇھىم ئىشى خەلقئارا ئورگانلارنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش. ترامپ دەۋرىدە ئامېرىكا ب د ت، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئاساسلىق خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بايدېننىڭ تاشقى سىياسىتى ئاساسلىقى خەلقئارا ئورگانلارنى قايتىدىن كۈچەيتىپ، ئامېرىكا رەھبەرلىكىنى بۇ ئورگانلار ئارقىلىق قايتىدىن بەرپا قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە بايدېن دەۋرىدە ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىدە كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز.

بايدىننىڭ ئۈچىنچى مۇھىم ئىشى، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇش. بۇ نۇقتىدا ترامپ دەۋرىدىكى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ئەقىللەرگە كېلىدۇ - ئەلۋەتتە. بايدېننىڭ خىتاينى بىر رەقىب دەپ قارايدىغانلىقى ئىنتايىن ئېنىق. بىراق ئۇنىڭ خىتايغا بولغان قارىشى تىرامپ ياكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قارىشىغىمۇ  ئوخشىمايدۇ. بايدېننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇللىۋان: «خىتاي بىلەن بىرلىكتە ياشاش» فورمۇلاسىنىڭ تاشقى سىياسەتنىڭ ئاساسلىق لىنىيەسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشى، بايدېننىڭ خىتاي بىلەن جېدەل قىلىشنىڭ ئورنىغا مۇرەسسەلىشىپ، خىتاينى ئۆزگەرتىش سىياسىتىنى يولغا قويالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن بايدېننىڭ ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىسى پەقەت خىتايلا ئەمەس. كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەب بولغان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت بايدېننى ئىقتىسادىي سىياسەتتە بولىشىغا ئاۋارە قىلىدىغاندەك قىلىدۇ.

بايدىننىڭ تۆتىنچى مۇھىم ئىشى، خەلقئارا قانۇن ۋە قائىدە – ئىنتىزاملارنى ئاساس قىلغان لىبېرال تۈزۈمنى بەرپا قىلىش. بۇ جەھەتتە خەلقئارالىق ئۆلچەملەرنى قايتىدىن تىكلەپ، ئامېرىكا رەھبەرلىكىنىڭ يوقالغان ئوبرازىنى تۈزەشكە تىرىشىدىغان بىر سىياسەت بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز.  بۇ مەقسەت يەر شارى سىستېمىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق قائىدە – قانۇنلار ئاساسىدا ئامېرىكانىڭ يېڭى تەرتىپلەرنى ئورنىتىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقداشلارغا ئېھتىياجى بار.

«بۇ تۆت تۈۋرۈك ئامېرىكانىڭ خەلقئارا سىستېمىغا قايتىپ كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ؟» دېگەن سوئال ئىنتايىن مۇھىم. بايدىننىڭ تىرامپتىن تاپشۇرۇۋالغان خارابىلىقى ۋە دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشچان خاراكتېرى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئىنتايىن قېيىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر