قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمى ۋە رېفېراندۇمغا نەزەر

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 56

1568502
قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمى ۋە رېفېراندۇمغا نەزەر

قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمى ۋە رېفېراندۇمغا نەزەر

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

2021-يىلى، 10 يانۋار كۈنى قىرغىزىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن پىرېزىدېنت سايلىمى ۋە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ شەكلىنى بېكىتىپ چىقىش مەقسىتىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلدى. 17 نامزات رىقابەتلەشكەن پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، سادىر جاپاروۋ سايلىغۇچىلارنىڭ % 79 لىك ئاۋازىغا ئېرىشىپ، قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بولدى. سايلامدا ئىككىنچى بولغان ئاداخان مادۇماروۋ % 6 ئاۋازغا ئېرىشتى. باشقا نامزاتلارنىڭ ئېرىشكەن ئاۋازى% 2 ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن سەۋىيەدە قالدى.

سايلىغۇچىلار دۆلەت ئىچىدە ۋە چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلاردا تەسىس قىلىنغان 2522 بېلەت ساندۇقىغا بېلەت تاشلىدى. قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى بولغان 3 مىليون 563 مىڭ 574 سايلىغۇچىدىن پەقەت 39.33% تىلا، باشقىچە ئېيتقاندا، 1 مىليون 401 مىڭ 726 كىشىلا سايلامغا قاتناشتى. سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى،  «قىرغىز خەلقىنىڭ سىياسىي ئويۇنلاردىن زېرىكىشى» تەرىقىسىدە ئىزاھلاش مۇمكىن. 2020-يىلى، 4 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامنىڭ نەتىجىسىنىڭ بىكار قىلىشىنىغا سەۋەب بولغان «2-نومۇرلۇق مۇنبەر» نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىمۇ، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. شەھەردە ياشايدىغان، ئەمما سايلام ئورنى يېزا – قىشلاقلاردا بولغان سايلىغۇچىلار قىش پەسلىدىكى ناچار  ھاۋا شارائىتى سەۋەبىدىن بېلەت تاشلاشقا بارمىدى.

سايلىغۇچىلار پىرېزىدېنت بىلەن بىرلىكتە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ قايسى شەكىلدە بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. رېفېراندۇمدا سايلىغۇچىلارنىڭ ،% 81.29 تى پىرېزىدېنتلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، 10.85 تى پارلامېنتلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، % 4.43 تى ھەر ئىككى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە قارشى بېلەت تاشلىدى. قىرغىزىستان قانۇنىغا ئاساسەن، رېفېراندۇمنىڭ كۈچكە ئىگە بولالىشى ئۈچۈن، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ % 30 بولۇشى شەرت ئىدى. سايلام نەتىجىسىگە ئاساسەن، قىرغىزىستان يېڭىدىن پىرېزىدېنتلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە قايتقان بولدى. پىرېزىدېنتلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقى بۇ يىل ئىچىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ.

سايلام كۈنى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار توغرىسىدا 50 ئەرز سۇنۇلدى، ئەمما سايلام نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئەرز بولمىدى. خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى سايلامنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا بولغانلىقىنى بىلدۈردى. پەقەت ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈزەتكۈچىلىرىلا سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى جەريانىدا نامزاتلارغا باراۋەرلىك ئاساسىدا شارائىت يارىتىپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سادىر جاپاروۋ 50 كۈن ئىچىدە قەسەم ئىچىپ، ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدۇ. جاپاروۋنى ئالدى بىلەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئافغانىستان، قازاقىستان، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىرى ۋە تۈرك كېڭىشى، تۈركسوي، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەبرىكلىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى سايلام نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. سادىر جاپاروۋنىڭ تۇنجى قېتىم قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى جاكارلاندى.

گەرچە قىرغىزىستاندا پىرېزىدېنت سايلىمى ۋە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتتە سىياسىي جىددىيلىك ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. چۈنكى پىرېزىدېنتلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئومۇمىي سايلام بۇ يىل ئىچىدە تەكرارلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى. خەلق يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنتى ۋە ھۆكۈمەتتىن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تېزلىك بىلەن ھەل قىلىشىنى كۈتمەكتە. بۇ خىل سەۋەبلەر دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇھىتىنىڭ يەنە بىر مەزگىل جىددىي بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

سادار جاپاروۋ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش نىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. سادار جاپاروۋنىڭ پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە، تۈركىيە-قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر