سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (03) — مېسوپوتامىييە مەدەنىيىتى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز....

1567569
سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (03) — مېسوپوتامىييە مەدەنىيىتى

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى: ئانادولۇ تارىخقا گۇۋاھ بولغان ۋە تارىختا مەڭگۈلۈك ئىزلارنى قالدۇرغان جاي… ئانادولۇدا تارىخنىڭ ئىزىنى قوغلىشىڭىز — ئۆتمۈشكە سەپەر قىلىشىڭىز مۇمكىن.   چۈنكى بۇ يەردە تارىخنىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغلىرىدىن تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان نەچچە ئون مەدەنىيەتنىڭ مىراسى ياتىدۇ.

بۈگۈن بىز سىلەرنى ئانادولۇ جۇغراپىيەسىنىڭ ئۆتمۈشىگە ئېلىپ بېرىپ، بۇ رايوندا بەرپا قىلىنىپ ئىنسانىيەت تارىخىدا مۇھىم ئىزلارنى قالدۇرغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىنچىسى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز.

* * * *

مېسوپوتامىييە مەدەنىيىتى نۇرغۇن دۆلەت ۋە مەدەنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر رايونغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. گىرېكچىدە «ئىككى دەريا ئوتتۇرىسىدا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان مېسوپوتامىييە دىجلە بىلەن فىراتتىن ئۇزۇق ئالغان مۇنبەت تۇپراقلارنى كۆرسىتىدۇ. دىجلە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ تارىخى ئىنسانىيەت تارىخىدىنمۇ كونا... تارىختىن بۇيان بۇ ئىككى دەريانىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن دۆلەتلەر قۇرۇلدى، نۇرغۇن دۆلەتلەر يىمىرىلدى. چۈنكى ئىنسانلار تارىخنىڭ ھەر بىر دەۋرىدە بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. ھەتتا نىل دەرياسىمۇ بۇنچىلىك كۆپ مەدەنىيەتكە، بۇنداق كۆپ دۆلەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلمىدى. ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا بۇ تۇپراقلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان دىجلە بىلەن فىرات دەرياسى رايوننىڭ تەقدىرىدە مۇھىم روللارنى ئوينىدى.

ساماۋى دىنلارغا ساھىبخانلىق قىلغان، مەدەنىيەتلەر ئارقا – ئارقىدىن يارىتىلغان مېسوپوتامىييە يەنە «مەدەنىيەتلەرنىڭ بۆشۈكى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئەجەللىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇپراقلىرىنىڭ بۇنداق مۇنبەت بولۇشى نۇرغۇن شەھەر ياكى دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئەتراپىدا تاغلارغا ئوخشاش تەبىئىي چېگرالىرى بولمىغان بۇ مۇنبەت ۋە بۈيۈك مېسسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكى سان – ساناقسىز قېتىم ھۇجۇملارغا ئۇچرىدى ۋە نۇرغۇن قېتىم ئىستېلا قىلىندى.

* * * *

مېسوپوتامىييەدە بەرپا قىلىنىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇلار بايقىغان ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتلار پۈتكۈل تارىخقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلغان بىر مەدەنىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار… ئىنسانىيەت ئۇلارنىڭ دەۋرىدە تارىخنى خاتىرىلەشكە باشلىدى، بىز بۈگۈن ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئەجدادلىرى ئۇ دەۋردە يورۇق كۆرگەن بىر مەدەنىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار؟ بىز بايان قىلماقچى بولغان مەدەنىيەتنىڭ يېزىقنى ئىجاد قىلغانلىقىنى دېسەك، ئۇنىڭ قايسى مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى بىلەلەمسىلەر؟... بىز سىلەرنىڭ <ئۇلار سۇمېرلار> دېگەنلىكىڭلارنى ئاڭلىغاندەك بولدۇق ... شۇنداق، سۇمېرلار ...  مېسسوپوتامىيەدە قۇرۇلغان ئەڭ چوڭ، ئەڭ قەدىمىي ۋە ئۇ رايوندا ھۆكۈم سۈرگەن كېيىنكى بارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدىغان، تېخىمۇ مۇھىمى بىز ھازىرقى تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتىمىزدا قەرزدار بولغان سۇمېرلار… سۇمېرلار يېزىق ئىجاد قىلىپ تارىختا ئىز قالدۇرغان بولغاچقا، تارىخىي دەۋرگە باشلامچىلىق قىلغان مەدەنىيەت دەپ قارىلىدۇ.

سۇمېرلار يېزىقنى تېرىقچىلىقتىن كىرگەن تاپاۋەتلەرنى خاتىرىلەش، مەھسۇلاتلارنىڭ ھېساباتىنى قىلىش ۋە مائاشلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە ئىجاد قىلغان دەپ قارىلىدۇ. نېمىشقا دېسەڭلار، چۈنكى سۇمېرلارغا تەۋە ئەڭ قەدىمكى يازما ھۆججەتلەر «سۇمېرلارنىڭ ئىش ھەققى تىزىملىكى ۋە باج تالونى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ھۆل لاي تاختايلارغا يېزىلغان بۇ تۇنجى يېزىق، يەنى مىخ يېزىقى كېيىنچە تەرەققىي قىلدى ۋە بۇ مەدەنىيەت نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ داڭلىقى گىلگامېش داستانىدۇر… بۇ داستان تارىختىكى ئەڭ قەدىمكى داستان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇپان ھەققىدە توختالغان تۇنجى تېكىست بولغاچقىمۇ ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. داستاندا تىلغا ئېلىنغان تۇپاننىڭ ساماۋى دىنلاردىمۇ تىلغا ئېلىنغان نۇھ تۇپانىغا ئوخشايدىغانلىقى تارىخچىلار ئارىسىدىكى كۈچلۈك قاراش. سۇمېرلار دەۋرىدىكى ئېغىر كەلكۈنلەرنىڭ كېلىشى، ئۇلارنىڭ دېڭىزنىڭ ئىنساندىن ئىلگىرى يارىتىلغانلىقىغا ئىشىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەدەبىي تېكىستلىرىدە تۇپان تېمىسىغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىشى، سۇنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

* * * *

يازمىمىزنىڭ بېشىدا سۇمېرلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا قوشقان زور تۆھپىلىرى ۋە تەسىرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدۇق. قېنى كېلىڭلار، بۇلارغا بىز بىرلىكتە كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى.

سۇمېرلار سۇغىرىش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، سازلىقلارنى قۇرىتىپ، ئولتۇراق يەرلىرىگە ئۆستەڭلەر ئارقىلىق سۇلارنى ئېلىپ باردى، توسمىلارنى سېلىپ كەلكۈنلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى ھەمدە سۇ ئامبارلىرىنى ياساش ئارقىلىق سۇ بىرىكتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. بۇ تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق ئۇلار ئالدى بىلەن سۇنى ئەيۋەشكە كەلتۈردى،  ئارقىدىن دېھقانچىلىقتا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان بايلىق شەھەر ۋە سودىنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئاچتى. سۇمېرلارنىڭ 18 ى چوڭ بولۇپ جەمئىي 35 شەھەر – بازاردىن تەركىب تاپقانلىقى، قېزىش ۋە ئوقۇلغان لاي تاختىدىكى يازمىلار سايىسىدا دەلىللەندى. تارىخچىلار ئۇلارنىڭ شۇ دەۋردىلا مۇشۇنداق تەرەققىياتلارغا ئىگە بولۇشىغا «ئاجايىپ زور ئۇتۇق» دەپ باھا بېرىدۇ.

ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم كەشپىياتلىرىنىڭ بىرى بولغان يېزىقنىڭ كەشپ قىلىنىشى، يەنە بىرى چاقنىڭ كەشپ قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ… چاق شۈبھىسىزكى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر كەشپىيات… ۋە بۇ كەشپىياتنىمۇ سۇمېرلار ئىجاد قىلغان دەپ قارىلىدۇ. مېسوپوتامىييەدىكى ئارخولوگىيەلىك قېزىش جەريانىدا چانىلار، ھارۋىلار ۋە چاقلىرىنىڭ رەسىمى تېپىلدى. سۇمېر خارابىلىكىدىن تېپىلغان ۋە دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان بۇ ھارۋىلار، بىر جۈپ چاقنى بىر ئوق ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ ياسالغان ۋە ئۇلارغا بىر ساپان ئىلاۋە قىلىنغان.

بەلكىم دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشايدىغان كىشىلەرمۇ چاقنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنى ئېنىق بىلمەيمىز. لېكىن، سۇمېرلارنىڭ يېزىقنى ئىشلىتىشى ئۇلارنى باشقا مەدەنىيەتلەردىن ئۈستۈن قىلدى، چۈنكى چاقنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ خاتىرىلەندى. شۇڭا قولىمىزدىكى دەلىللەر بىزگە چاقنى ئىجاد قىلغۇچىنىڭ سۇمېرلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئەلۋەتتە، سۇمېرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇلار ماتېماتىكادىكى تۆت ئەمەلنى ۋە مۆچەلنىڭ ئاتمىشلىق دەۋرىيلىك سىستېمىسىنى بايقاپ ئىشلەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ كەشپىياتلار بىلەن ۋاقىت ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى بىر پاكىت. چۈنكى سۇمېرلار سائەتنى 60 مىنۇتقا، مىنۇتنى 60 سېكۇنتقا بۆلگەن تۇنجى مەدەنىيەت. ئۇلار كېچە بىلەن كۈندۈزنى 12 سائەت، بىر يىلنى 12 ئاي ۋە 360 كۈنگە ئايرىدى، يەنە چەمبەرنىڭ ئىچكى بۇلۇڭىنى 360 گىرادۇس قىلىپ بېكىتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 6 نىڭ كۆپەيتمىسى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟

سۇمېرلار زىگگۇرات دەپ ئاتىلىدىغان كۆپ قەۋەتلىك، پىرامىداغا ئوخشايدىغان بۇتخانىلارنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى رەسەتخانا قىلىپ ئىشلەتكەن. ئۇلار يەنە قۇياش ۋە ئاي تۇتۇلۇشنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئاينى ئاساس قىلغان تۇنجى كالېندارنى ئىجاد قىلغان. بۇ كالېندارنى بۈگۈن بىز ئىشلىتىۋاتقان كالېندارنىڭ تۇنجى نۇسخىسى دېيىشكە بولىدۇ! ... ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يۇپىتېر، ۋېنېرا، مارس ۋە مېركۇرى قاتارلىق سەييارىلەرنىمۇ كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى خاتىرىلىگەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە بىلەن بىرلىكتە گېئومېتىرىيەنىڭمۇ ئاساسىنى سالغان.

سۇمېرلار يەنە گۈمبەز، تۈۋرۈك ۋە ئەگمە قاتارلىق بىناكارلىق شەكىللىرىنى تاپقان ۋە ساھە، ھەجىم، ئۇزۇنلۇق ۋە ئېغىرلىق ئۆلچەملىرىنى ئىشلەتكەن… قىسقىسى، بىز ھازىرمۇ ئىشلىتىۋاتقان بارلىق ۋاقىت ۋە بوشلۇق ھېسابلاشلىرىنىڭ ئاساسى سۇمېرلار دەۋرىدە قويۇلغان.

مېسوپوتامىيەنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلىغان بۇ مەدەنىيىتى، مولچىلىق ۋە باياشاتچىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا ئاجىزلاپ، رايونغا كەلگەن ئاككادىيىلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن.


خەتكۈچ: #مەدەنىيەت , #سۇ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر