نەچچە ئون مىڭ تۈرك تائاملىرى رېتسىپىنى توققۇز تىلدا تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئانادولۇ لەززەتلىرى — تائاملىرى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1565875
نەچچە ئون مىڭ تۈرك تائاملىرى رېتسىپىنى توققۇز تىلدا تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز

تۈرك تائاملىرىغا ئائىت 150 مىڭدىن ئارتۇق تاماق ئېتىش رېتسېپىنى توققۇز تىلدا ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

25 يىل بويىچە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مول تائام تۈرلىرىگە ئىگە بولغان تۈركىيەدىكى ھەر خىل تائاملىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بانۇ ئاتاباي، تاماق تەتقىقاتىغا دائىر سۆھبەتلەر، ماقالىلەر ۋە تاماق رېتسېپلىرىنى «lezzetler.com» ناملىق تور بېتىدە تارقاتماقتا. تەكشۈرۈپ چىققان يەرلىك ۋە ئومۇمىي تاماق رېتسېپلىرىنى ئالدى بىلەن ئۆزى سىناق قىلىپ، ئۆلچىمىدىن ئۆتسە، مۇۋاپىقكەن دەپ قارىسا، ئەڭ ئاددىي شەكىلدە بايان قىلغان ئاتاباينىڭ،  پۈتۈنلەي شەخسىي تىرىشچانلىقى بىلەن تەييارلىغان تور بېتىدە،150 مىڭدىن ئارتۇق تاماق رېتسېپى بار بولۇپ، بۇلارنى تۈركچىدىن باشقا ئازەرى، ئىنگلىز، ئەرەب، نېمىس، رۇس، ئىتالىيە، ئىسپان ۋە فىرانسۇز قاتارلىق دۇنيا تىللىرىدىمۇ ئوقۇغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق تۈرك تاماق كۈلتۈرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر يېقىندىن تونۇيالايدۇ ھەم بۇ مەززىلىك تاماقلارنى پىشۇرۇپ داستىخانلىرىغا قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر