رۇسىيەنىڭ لىۋىيە سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (55)

1564279
رۇسىيەنىڭ لىۋىيە سىياسىتى

رۇسىيەنىڭ لىۋىيە سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (55)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «رۇسىيەنىڭ لىۋىيە سىياسىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

لىۋىيە شىمالىي ئافرىقا، شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە جەنۇبىي ياۋروپانى بويلىغان گېئو-پولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت) لىق ئورنى جەھەتتىن مۇھىم دۆلەت بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئېنېرگىيە مەنبەسى جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن باي بىر دۆلەت. شۇڭلاشقا لىۋىيەدە داۋاملىشىۋاتقان كۈچ كۈرىشىدە رايون خاراكتېرلىق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىق كۈچلەر لىۋىيەدە تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇشنى ۋە لىۋىيەنىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈشتە بەلگىلىگۇچى رولىغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىشماقتا. رۇسىيە بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

لىۋىيە 2011 - يىلى قاززافى ئاغدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، سوتسىيالىستىك بىر دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، رۇسىيەدىن ئايرىم ۋە مۇستەقىل يول تۇتۇپ كەلگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ لىۋىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن چوڭقۇر ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. لېكىن بۇ ھەمكارلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېمىرىلىشىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ لىۋىيەگە يۈرگۈزۈلگەن خەلقئارا ئېمبارگولارنى سىياسى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى. كېيىنچە پۇتىن بىلەن كۈچىيىشكە باشلىغان رۇسىيە، دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىن قايتا ئورۇن ئالدى. لىۋىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈردى. مۇھىم قورال-ياراغ ۋە ئېنېرگىيە سودىسى كېلىشىملىرى ئارقىلىق لىۋىيەدە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا باشلىدى، تاكى ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرىدە دۆلەتتە ئىنقىلاب باشلانغانغا ۋە چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىغىچە.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئارىلىشىش قاززافىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىشى بىلەن تەڭ رۇسىيە لىۋىيەدە ئويۇن سىرتىدا قالدۇرۇلدى. رۇسىيە لىۋىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى توقۇنۇشلارغا ئۇزۇن مەزگىلگىچە تاماشىبىن پوزىتسىيەسى تۇتۇپ كەلدى. ئاخىرىدا دۆلەتتە شەكىللەنگەن ھاكىمىيەت بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ 2017 - يىلى قايتىدىن ئاكتىپ ھالغا كېلىشكە باشلىدى. ئىسيانچى گېنېرال ھافتەر بىلەن يېقىنلىشىپ، «ۋاگنېر» غا ئوخشاش ياللانما ھەربىي قىسىملىرىنى لىۋىيەگە يۆتكەش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ شەرقىدە نوپۇزغا ئېرىشتى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى تاللىدى.

 

بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيەنىڭ لىۋىيە سىياسىتى رەسمىي ھالدا لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۇرۇش ھۆكۈمىتى (UMH) ۋە لىۋىيە دۆلەت ئارمىيەسى (LNA) نى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كىلىشنى مەقسەت قىلماقتا. «بىتەرەپ سودىيە» نىڭ رولىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان رۇسىيە ئۆزىنى كرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ تەشەببۇسچىسى سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە. بىراق نەخ مەيداندىكى ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بولماقتا. رۇسىيەنىڭ ئىسيانچى ھافتەر قىسىملىرىغا پەقەتلا سىياسىي ئەمەس، بەلكى ھەربىي ياردەم قىلىۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم. رۇسىيە قوراللىرى زىچ ھالدا ھافتەر ئۇنسۇرلىرىنىڭ قولىدا كۆرۈلمەكتە ۋە رۇسىيەنىڭ ياللانما ئەسكەرلىرىمۇ توقۇنۇش رايونلىرىدا ئورۇن ئالماقتا. شۇنداقتىمۇ رۇسىيە ھەم ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ھەم قورال سېتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى داۋاملىق رەت قىلىپ كەلمەكتە.

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە لىۋىيە سىياسىتىدە ياللانما ئەسكەرلەر ۋە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى قاتارلىق «ئەنئەنىۋى بولمىغان ئۇسۇل» لارنى قوللىنىشقا مايىللىقىنى نامايان قىلدى. بۇ نۇقتىدىن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەكىللىك رولىنى ئويناۋاتقان چېچەن جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى رامزان قادىروۋ رۇسىيەنىڭ لىۋىيەدىكى تاشقى سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى زور دەرىجىدە شەكىللەندۈرمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رامزان قادىروۋ، مەسلىھەتچىلىرىدىن ئادام دېلىمخانوۋ ۋە لېۋ دېنگوۋ بىلەن بىرلىكتە 2015 - يىلى قۇرۇلغان لىۋىيە - رۇسىيە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلماقتا.

ئاخىرىدا، رۇسىيە لىۋىيەدىكى ھاكىمىيەت بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇش مەيدانىدا مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە بولدى. ئىسيانچى ھافتەرنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاشقا باشلىدى. سەيفۇلئىسلام ۋە قاززافى ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق «ۋاگنېر» نى لىۋىيەگە ئورۇنلاشتۇردى، بولۇپمۇ لىۋىيەنىڭ شەرقىدە كۆرۈنەرلىك تەسىرگە ئېگە بولدى.

ھازىرقى ۋەزىيەتتە بولسا، ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلماقتا. رۇسىيەنىڭ لىۋىيەدىكى نىشانلىرىدىن يەنە بىرسى، «روسنېفت» ، «تاتنېفت» ۋە «گازپروم» قاتارلىق رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە مۇۋاپىق ساھە يارىتىدىغان شەكىلدە سىياسىي مۇھىت پەيدا قىلىپ،  ئاقدېڭىز ئېنېرگىيە بازىرىدا ئۈنۈملۈك بىر ئاكتىيورغا ئايلىنىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رۇسىيەنىڭ لىۋىيە ئىچىدىكى ھاكىمىيەت كۈرىشىگە قاتنىشىشى ئۇنىڭ دۆلەتتىكى مەۋجۇتلۇقىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ھەر خىل سىياسىي مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىش ئارزۇسى بىلەن بەلگىلەنمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيە ئافرىقا قىتئەسىدىكى، بولۇپمۇ شەرقىي ئاق دېڭىز رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلماقتا. بۇ ئارقىلىق رايوندىكى ئەڭ ئۇزۇن ئاقدېڭىز دېڭىز قىرغىقىغا ئىگە ۋە ئېنېرگىيەگە باي لىۋىيەنى رۇسىيەنىڭ تاشقى سىياسەت كۈن تەرتىپىدە تۇتماقتا. گەرچە ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى زور بولسىمۇ، لىۋىيەدىكى توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش رۇسىيەگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرسى ئەمەس. شۇنداقتىمۇ رۇسىيە لىۋىيە كرىزىسىغا قاتنىشىش ئارقىلىق باشقا رايون ئاكتىيورلىرىغا ئۆز تەسىرىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر