سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (02) — سۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ سۇ بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتى

تۆۋەندە نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت» ناملىق سەھىپىمىزنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز...

1562960
سۇ بىلەن كەلگەن مەدەنىيەت (02) — سۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ سۇ بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سىز بىر شەھەر، بازار ياكى يېزىدا تۇرامسىز؟ ئۇنداقتا، مېنىڭ تۇرىدىغان يېرىم چوقۇم سۇ بويىغا يېقىن بولۇشى كېرەك دەپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئالاھىدە قىزىقىش ياكى مايىللىقىڭىز بولمىسا، سىزنىڭ بەلكىم بۇ سوئالغا «ياق» دەپ جاۋاب بەرگەن بولۇش ئېھتىمالىڭىز يۇقىرى.  چۈنكى بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا خىزمەت، مەكتەپ ياكى ئائىلە قاتارلىق ئامىللار بىزنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ھالبۇكى، دۇنيا سەھنىسىدە پەيدا بولغاندىن باشلاپ، ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى سۇ بويلىرى بولۇپ كەلدى. بىز ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار دەپ بىلىدىغان تۇنجى ئىنسانلارنىڭ بەزىدە سازلىقلار ئارىسىغا پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى ياسىغانلىقى، بەزىدە سۇ ئۈستىگە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن سېلىنغان تۇرالغۇلاردا ياشىغانلىقى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئىچىملىك ​​سۈيىگە ئېرىشىش ۋە ئىلكىدىكى نۇرغۇن ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات تۈرىنىڭ ئۇزۇقلىنىش ئېھتىياجىنى قامداش ۋە ھەر خىل ھۇجۇملاردىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتىكى قولايلىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقانىدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلار دېھقانچىلىق جەمئىيىتىگە قەدەم باستى... تېرىقچىلىق ۋە ئولتۇراق تۇرمۇش باشلانغان بۇ دەۋردىمۇ دەريا بويلىرى، كۆل ۋە دېڭىز قىرغاقلىرى ئاساسلىق تاللاش شەرتلىرىنىڭ بىرى بولدى. ئۇ دەۋر — ئىنساننىڭ تارىخنىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىدىغان ئىقتىدارغا ئېرىشكەن دەۋر بولدى. بەزى مەنبەلەر، بەلكىم كۆپىنچىمىز ئويلاپمۇ باقمىغان بىر جىسىم بىزنىڭ سۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئۆزگەرتكەن دەپ قارايدۇ. بۇ جىسىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالامسىز؟ ... سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، بۈگۈن بىز ئاسانلا ئېرىشەلەيدىغان سۇ ئەينى ۋاقىتتا بىر يەردىن يەنە بىر ئورۇنغا قانداق توشۇلغان بولغىيدى؟ ... دەسلەپكى چاغلاردا سۇنى توشۇش ئۈچۈن كاۋا ۋە تېرە ئىشلىتىلگەنىدى، ئەمما بۇ ئۇسۇل بىلەن سۇنى پەقەت چەكلىك مىقداردىلا توشۇغىلى بولاتتى. ئاندىن ئىنسانلار شاخ، ياغاچ تالالىرى ۋە قومۇشتىن سېۋەت توقۇشنى ئۆگەندى… ئۇ سېۋەتنى تۇپراق ۋە لاي بىلەن سوۋىدى، ئەمما سۇ ئۇنىڭلىق بىلەن ئەيۋەشكە كەلمىدى، ئېقىپ كېتىۋەردى... ئىنسانلار باشقىچىرەك بىر نەرسە تېپىشى كېرەك ئىدى، نەتىجىدە ساپال قاچىلارنى ئىجاد قىلدى. مانا بۇ  يۇقىرىدىكى سوئالىمىزنىڭ جاۋابى... ئىنسانلار ساپال قاچىلارنىڭ سايىسىدا سۇلارنى خالىغان يېرىگە ئېلىپ بارالايتتى، يىراق جايلارغا قاراپ ئاتلىنىشتا تېخىمۇ جەسۇر قارار قىلالايتتى.

دەريالارنى تىزگىنلەشمۇ شۇ دەۋرگە توغرا كېلەتتى. بۇ ئۇسۇل ئىنسانلار يېتىشتۈرىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ يامغۇر سۈيىگە موھتاج بولۇپ قېلىشىغا خاتىمە بىرەتتى، خالىغان ۋاقىتتا خالىغان نەرسىنى تېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەتتى. شۇنداق قىلىپ ئىنسان تەبىئەتكە تايىنىپ ياشاشنىڭ ئورنىغا ئاستا - ئاستا تەبىئەتنى كونترول قىلىشقا باشلىدى ۋە ھازىر تەبىئىي پورتلار بىلەن دەريالارنىڭ بويلىرىغا ئورۇنلاشتى، ئاستا ئەمما بىخەتەر ھالەتتە مەدەنىيەتكە قاراپ قەدەم تاشلاشقا باشلىدى.

شۇنداق قىلىپ دەريالار كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغان كۈچلۈك، قورقۇنچلۇق ۋە نامەلۇم قۇدرەتلىك مەۋجۇداتلار بولۇش دائىرىسىدىن چىقتى. ئىنسانلارنىڭ شۇ زامانغىچە بولغان جەرياندا قورسىقىنى تويغۇزغان ياكى كۈچىدىن ئەنسىرەپ قۇربانلىقلارنى قىلغان دەريا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ شەكلى ئۆزگەردى. ئىنسانلار ئەمدى ئۇلاردىن قورقمايتتى، ئۇلارغا قىزىقاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاددى قېيىقلارنى ياساپ كونتروللۇقىغا ئالغان دەريالاردا ئىدىشىغا تولدۇرغان سۈيىنى يېنىغا ئېلىپ، سودىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدىغان تاۋار ئالماشتۇرۇش مەقسەتلىك ساياھەتلەرنى قىلىشقا باشلىدى.

ئەلۋەتتە، مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ چەكلىك سەپەرلەر ئىنسانلارنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئىنسانلار دەريالار ئاخىرلاشقان نۇقتدىكى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بىپايان تۇزلۇق سۇلارنى ۋە ئۇ سۇلارنىڭ ئۇ يېقىدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىغا قىزىقىشقا باشلىدى. ئىنساندىكى نامەلۇمنى بىلىشكە ئىنتىلىش روھى ۋە قىزىقىش ئوچۇق دېڭىزلاردا ئۈزەلەيدىغان ۋاسىتىلەرگە بولغان ئېھتىياجنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن يەلكەنلىك كېمىلەر، كىچىك كېمىلەر ۋە پاراخوتلارنى ياساشقا يۈزلەندى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان غايەت زور بىر دۇنيا بارئىدى!

* * * *

سۇ بىلەن ئورنىتىلغان بۇ مۇناسىۋەت بىز بىلىدىغان تۇنجى مەدەنىيەتلەردىن باشلاپ تاكى يېقىن تارىخقىچە ئىنسانلارنىڭ سۇ بايلىقىنى چۆرىدەپ ئولتۇراقلىشىشىنى ۋە سۇ بىلەن ھاياتلىققا ئېرىشكەن بىر مەدەنىيەتنىڭ بەرپا بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. دەريا - ئېقىنلار ۋە دېڭىزلار سايىسىدا ئىنسانىيەت مۇھىم بايقاشلارنى روياپقا چىقاردى ۋە مۇھىم تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى.

ئىنسانىيەت تارىخىغا شاھىت بولغان قەدىمكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۇ بويلىرىغا قۇرۇلدى… مەدەنىيەت سۇ ئەتراپىدا ياشنىدى، ئىنسانلار سۇ بىلەن ھاياتلىققا ئېرىشتى، سۇ ئىنسانلار بىلەن باشقىچە بىر نۇقتىغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئىنسانلار سۇنى تەبىئەتتىكى بىر مەۋجۇتلۇق بولۇشتىن چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ مەقسەت ۋە ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان گەۋدىگە ئايلاندۇردى. ئىنسانلار توسمىلار، ئېرىق – ئۆستەڭلەر ئارقىلىق كونترول قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. مانا مۇشۇ خىل تەرەققىياتلاردىن كېيىن، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆزى خالىغانچە ئېقىپ كەلگەن بۇ سۇلارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن يېزا ياكى شەھەرلەر قۇرۇلدى.

ئەجەبا، بۇلارنىڭ قايسى يېزىلار، شەھەرلە، قايسى مەدەنىيەتلەر ئىكەنلىكىگە قىزىقامسىز؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىرمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىرىمۇ، ۋەيران قىلىنىپ يوقىتىپ تاشلانغان بولۇشىغا قارىماي ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بىلەن ھېلىھەم تەسىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىرىمۇ بار.

جۇغراپىيەمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغاچقا، مېسوپوتامىييە مەدەنىيىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدۇق. مېسوپوتامىييەگە فىرات ۋە دىجلە دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى دەريا ھاياتلىق بېغىشلايتتى. ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئەلاملار، ئاسۇرلار، بابىللەر، سومېرلار ۋە ئاكادلار بۇ ئىككى دەريانىڭ بويلىرىدا ياشىغانىدى... ھەتتا مىسىرنىڭ گۆرەن تومۇرى ھېسابلىنىدىغان نىل دەرياسىمۇ بۇنچىلىك كۆپ مەدەنىيەتنى بىر يەرگە توپلىيالمىغانىدى ... مېسوپوتامىييەدە ياشىغان بۇ تۇنجى مەدەنىيەتنىڭ بىرى، دۇنيانىڭ ھازىرغىچە بىلىنگەن ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى بولغان سومېرلاردۇر.

سومېرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن زور: چۈنكى يېزىقنى تۇنجى قېتىم ئىجاد قىلىپ ئىشلەتكەنلەرسومېرلاردۇر... يېزىق ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر بۆسۈش بولۇپ، تۇنجى ئالاقە ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ… سومېرلار سازلىقلارنى قۇرۇتۇپ، سۇغىرىش ئۆستەڭلىرىنى ياساپ، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئالدى، بۇنىڭ بىلەن، زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشتىكى مۇۋەپپەقىيىتى سايىسىدا ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇپ، سودىنى تەرەققىياتىنى كاپالەتكەك ئىگە قىلدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە سۇمېرنىڭ كىچىك يېزىلىرى چوڭ شەھەرلەرگە ئايلاندى. دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر مېسوپوتامىييە مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىرى، سومېرلار ئۇلىنى سالغان بابىللىقلار. بابىللىقلارمۇ تۇنجى ئۇنىۋېرسال ئاساسىي قانۇن سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان «ھاممۇرابى قانۇنى» بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت ئىدى ... سۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان بابىللىقلار بۇ قانۇنلارغا سۇغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنمۇ قوشقانىدى.

بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەدەنىيەت مىسىر مەدەنىيىتى. بۇ مەدەنىيەت قۇملۇققا ھاياتلىق ئاتا قىلغان نىل دەرياسى ئەتراپىغا بەرپا قىلىنغانىدى. مىسىرلىقلار  يۇلتۇزلارنىڭ قۇياش بولغان ئارىلىقىنى كۆزىتىپ، بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان مىلادى كالىندارىنىڭ ئالدىنقى قەدىمى ھېسابلىنىدىغان قۇياش — شەمسىيە كالىندارىنى ئىجاد قىلىپ، نىل دەرياسىنىڭ تېشىپ كېتىش ۋاقتىنى ئالدىن ھېسابلاپ چىققانىدى؛ بۇ بىلىم ئۇلارنى تەبىئەت ئالدىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى. ئۇلارنىڭ كەلكۈندە ۋەيران بولۇپ كەتكەن ئېتىزلىقلارنىڭ چېگراسىنى قايتىدىن سىزىپ چىقالايدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ئاليۇمىن ئىشلىتىپ سۇنى ئىچىشكە بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەنلىكى مەلۇم. پىرامىدالار، پاپىرۇس ۋە ھىيېلوگلىف بۇ مەدەنىيەتنىڭ دۇنياغا قالدۇرغان سوۋغىلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

ئاقدېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز) بولسا نۇرغۇن دەريا، تاتلىق سۇ بايلىقلىرى ۋە دېڭىزنىڭ تەسىرىدە ھازىرغىچە بىلىنگەن تۇنجى مەدەنىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغان بىر رايون... ئانادولۇنىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقدېڭىز مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن مەدەنىيەتلەرمۇ ئەلۋەتتە دەريالار بىلەن سۇغىرىلىدىغان مۇنبەت رايونلاردا قۇرۇلغان. دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى بولغان ئەفەس ئارتېمىس بۇتخانىسى سېلىنغان ئىئونىيە، قەدىمكى دەۋرنىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك چوڭ شەھەرلىرىدىن مىلېت بۈيۈك ۋە كىچىك مەندەرەس تۈزلەڭلىكلىرىدە، پۇلنى ئىجاد قىلغان لىدىيەلىكلەر گەدىز تۈزلەڭلىكىدە، يۇناملار ۋە فەنىكەلىكلەر ئاقدېڭىز بويلىرىدا قۇرۇلغان مەدەنىيەتلەر.

دۇنيادىكى يەنە بىر چوڭ مەدەنىيەت خىتاي مەدەنىيىتى. بۇ قەدىم مەدەنىيەتمۇ كۆك دەريا بىلەن سېرىق دەريا بويلىرىغا قۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلغانىدى. يەنە قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان ھىندىستان مەدەنىيىتى مۇنبەت دېھقانچىلىق يەرلىرى ۋە پاكىز سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى سەۋەبىدىن ھىندى ۋە گانگې دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدا قۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر