تۈركىيە كۇتۇپخانىچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ئۆتمۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈركىيەدە كۇتۇپخانىچىلىق» تېمىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1561377
تۈركىيە كۇتۇپخانىچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ئۆتمۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ 900 يىللىق كۇتۇپخانىچىلىق ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركىيەنىڭ كۇتۇپخانىچىلىق ئەنئەنىسى 900 يىللىق تارىخقا ئىگە. تۇنجى كۇتۇپخانىلار ئانادولۇنىڭ تۇنجى بەگلىكلىرى ۋە سالجۇقىلار دەۋرىدە قۇرۇلدى، ئوسمانلى دەۋرىدە گۈللەندى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى كۇتۇپخانىلار مەسچىت، گۈمبەز ، مەدرىسە، شىپاخانا ۋە ساراي قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. كېيىنچە كۇتۇپخانىلار ئايرىم ئورگانلار سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

1884- يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرگەن بەيازىت دۆلەت كۇتۇپخانىسى تۈركىيەنىڭ تۇنجى رەسمىي كۇتۇپخانىسىنى ھېسابلىنىدۇ. كۇتۇپخانا دەسلەپ قۇرۇلغاندا، كىتاب ئىشكاپلىرىدا پەقەت ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى مۇستاپا نائىمانىڭ «نائىما تارىخى» ناملىق ئەسىرى  قويۇلغانىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، دەرۋىشلەر تۇرالغۇلىرىدىن توپلانغان ئەسەرلەر، سېتىۋېلىنغان كىتابلار ۋە كۇتۇپخانىغا ئىئانە قىلىنغان ھۆججەتلەر بىلەن مول ئۇچۇر خەزىنىسىگە ئايلاندى. 1934- يىلى ئاتاتۈركنىڭ تەلىپىگە بىنائەن چىقىرىلغان «باسما ماتېرىياللارنى توپلاپ رەتلەش» قانۇنى سايىسىدا كۇتۇپخانىدىكى ماتېرىياللار كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە موللاشتى؛ چۈنكى تۈركىيەدىكى ھەر خىل باسما نەشر بۇيۇملىرىنىڭ بىر نۇسخىسىنى مەجبۇرىي ھالدا كۇتۇپخانىغا قويۇش شەرت ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ماتېرىيالى بىلەن تارىخچىلارغا نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان بېكەتكە ئايلانغان بەيازىت دۆلەت كۇتۇپخانىسى، تەرەققىي ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر