گېئو-پولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت) تەشۋىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (54)

1559977
گېئو-پولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت) تەشۋىشى

گېئو-پولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت)  تەشۋىش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (54)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «گېئو-پولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت) تەشۋىشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ئەگەر كوۋىد-19 يۇقۇمى بولمىغان بولسا ئىدى، 2020 - يىلىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەسىلىلەر، ئامېرىكانىڭ 19 يىلدىن كېيىن ئافغانىستاندا تالىبانلار بىلەن قايتىدىن كۆرىشىشى، ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى... قاتارلىقلار بولاتتى . بۇ ئىككى مەسىلە مەيلى قانداقلا نۇقتىدىن نەزەر سېلىشتىن قەتئىينەزەر ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەر ئىدى. ئەمما كوۋىد-19 يۇقۇمى 2020-يىلىدىكى خەلقئارا سىياسەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئۆتكەن يىلنى تارىختىكى ئەڭ ناچار بىر يىلغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

 

يۇقۇمنىڭ بۇنچە مۇھىم بولىشىدىكى سەۋەب، يەر شارى سىستېمىسىنى چوڭقۇر تەسىرگە ئۇچۇرتىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەرگە تۈرتكە بولغانلىقىدۇر. يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ يەرشارى سىياسىتىگە چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر ھاكىم ئورۇنغا ئۆتتى. كېيىنچە بۇنىڭغا ئوخشاش چۈشەندۈرۈشلەر پارچە پارچە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئەمدىكى نۇقتىدا بولسا، ئۆزگىرىش چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ ئورنىنى يەر شارى خاراكتېرلىق تەشۋىش ئالغان بولدى. بۇ تەشۋىشنىڭ ئۈچ روشەن ئالاھىدىلىكى بار: خەتەر، ئېنىقسىزلىق ۋە كەلگۈسىگە بولغان ماۋھۇملۇق.

بۇ يېڭى يەر شارى خاراكتېرلىق تەشۋىشنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكى «گېئو-پولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت) تەشۋىشى» دېيىلىدىغان يېڭى بىر ۋەزىيەتنى پەيدا قىلماقتا. تەشۋىش ئورتاق بىر ئەندىشىنى ياراتماقتا. خەتەر، ئېنىقسىزلىق ۋە ماۋھۇملۇق سەۋەب بولغان بىر تەشۋىشنى ياراتماقتا. بۇ ئەھۋالنى شەكىللەندۈرىدىغان تۇنجى تەشۋىشنىڭ شەكلى يەر شارى سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەر شارى سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەڭ چوڭ تەشۋىش غەرىب دۆلەتلىرىدە ئەۋج ئالماقتا. غەربنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلىكىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئۈستۈنلۈكنىڭ ئىنتايىن قاراڭغۇ ۋە ماۋھۇم بولۇشى، غەرىب دۆلەتلىرىدىكى تەشۋىشنى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.

 

كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن بۇرۇنقى مەزگىللەردە ھەم غەرىب دۆلەتلىرىنىڭ ئېچىدە، ھەم دۇنيا مىقياسىدا «غەربسىزلىك» دەپ تەسۋىرلەنگەن بۇ تەشۋىش كوۋىد-19 يۇقۇمى بىلەن تەڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقاندەك قىلىدۇ. غەربنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان «ئامېرىكانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» چۈشەنچىسى، ياۋروپانىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە» ئىزدىنىشى دەل بۇ خىل تەشۋىشتىن قۇتۇلۇش تەشەببۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.

يەرشارى سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەشۋىشلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، غەربتىن كېيىن يەرشارى سىستېمىسىنى تەرتىپكە سېلىش نامزاتى سۈپىتىدە كۆرۈلىۋاتقان ئەڭ كۈچلۈك كاندىدات خىتايغا ئوخشاش ئاكتىيورنىڭ، ماددى كۈچ ئېلېمېنتلىرىدىن ھالقىپ يەر شارى ئۇپۇقىنى شەكىللەندۈرەلەيدىغان بىر يول سىزىقىنىڭ بولماسلىقىدۇر. خىتاينىڭ يەر شارى كېلىمات ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان ئورتاق دۇنياۋى مەسىلىلەرگە تۇتقان « پوزىتسىيەسى» توغرىسىدا نۇرغۇن گۇمانلار بار. ئۆزىنى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ھوقۇق تۈرىگە قويغان دۆلەتلەرنىڭ غەربتىن كېيىنكى دۇنياغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ جانلىق بولىشى شۇنداقلا ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇشى غەربنى مەركەز قىلغان بۇ گېئو-پولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت)  تەشۋىىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.

گېئو-پولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت) تەشۋىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىۋاتقان يەنە بىر نۇقتا بولسا، خەتەرنىڭ كۆپ خىللىقى. كوۋىد-19 يۇقۇمى نامايان قىلغاندەك خەلقئارنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان خەۋپ تېررورلۇق ۋەقەلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەۋپلەردىن كۆپ يۇقىرى. تېررورلۇق يەرشارى خاراكتېرلىك مەشھۇر ھادىسە، بىراق يەرشارىدا يەنە بىر يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تېخنىكىلىق ھەرىكەتلىنىشكە ئىگە ئەمەس. مانا بۇ ئېنىقسىزلىق خەتەرنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتكۈل سىستېمىنىڭ يەنە بىر قېتىم سوراق قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. چەك – چېگراسى ئېنىق بولمىغان بىر خەتەر گېئو-پولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت) تەشۋىشىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىق ھالغا كېلىشىگە سەۋەب بولماقتا. داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي توقۇنۇشلار ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر گېئو-پولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت) تەشۋىشىنىڭ كونتىرۇل قىلىنىشىنىمۇ قىيىنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى مۇستەقىل سىياسەت شەكىللەندۈرۈشكە يۈلەندۈرمەكتە. شۇڭلاشقا كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كىيىنكى دۇنيانى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان گېئو-پولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت) تەشۋىشى ئەڭ مۇھىم رۇھىي ئامىل  سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر