2020- يىلى بىلەن قانداق خوشلاشتۇق؟
كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (53)

2020- يىلى بىلەن قانداق خوشلاشتۇق؟
كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (53)
(جان ئاجۇن)
ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «2020- يىلى بىلەن قانداق خوشلاشتۇق؟» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
**** **** ** **** * *****
2020-يىلىنى دۇنيا مىقياسى ئۈچۈن تولىمۇ قېيىن ئۆتكەن بىر يىل دېيىش خاتا ئەمەس. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان ۋىرۇس دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ تارقىلىشى بىلەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن دۇنيا چوڭ خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى. تۈركىيەمۇ بۇ ئەھۋالدىن مۇستەسنا قالالمىدى - ئەلۋەتتە. يەنە كېلىپ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا توقۇنۇشلار، مۇقىمسىزلىق ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرمۇ كۆرۈلۈشنى داۋاملاشتۇردى. ئەمدىلىكتە بولسا، كوۋىد-19 غا قارشى ۋاكسىنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، 2021-يىلىغا زور ئۈمىدۋارلىق بىلەن قەدەم تاشلانماقتا، لېكىن كەلگۈسى يەنىلا ئېنىقسىز.
2020-يىلىنىڭ بېشىدا، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان ۋە كوۋىد-19 دەپ ئاتالغان بۇ ۋىرۇس قەدەممۇ-قەدەم بارلىق دۆلەتلەرگە تارقىلىشقا باشلىدى. ئىلگىرىكى تاجسىمان ۋىرۇسلارغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە، كىشىلەرگە تولىمۇ تېز يۇقىدىغان بۇ ۋىرۇس قەدەممۇ-قەدەم تارقىلىشچان ۋاباغا ئايلاندى ۋە پۈتۈن دۇنيانى ئاسارىتى ئاستىغا ئالدى. كېسەللىكنىڭ كېڭىيىشى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يولغا قويۇلغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزمۇ بىۋاستە تەسىرگە ئۇچرىدى. ماسكا تاقاش ۋە ئارىلىق ساقلاش قائىدىسى بىلەن بىرگە پات-پات كارانتىن قىلىش تەدبىرلىرىنىمۇ قوللىنىشقا توغرا كەلدى. ئەلۋەتتە، بۇ مەزگىلدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە سىستېمىلىرىمۇ ئېغىر سىناق بەردى. بۇ نۇقتىدىن دۇنيادا ياخشى ئىمتىھان بېرەلىگەن ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرسى تۈركىيە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەھىيە سىستېمىسىغا سېلىنغان مەبلەغلەر ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان شەھەرسىمان دوختۇرخانىلار ھەمدە يەرلىك ئىمكانىيەت بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىلىرى تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ئاز ئۆلۈم نىسبىتى بىلەن بۇ مەزگىلىدىن چىقالىشىغا يول ئاچتى. شۇنداقتىمۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە ئوخشاش يەر شارى خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەللىكنىڭ تەسىرىنى تۈركىيەمۇ ئىقتىسادىي ساھەسىدە ھېس قىلدى.
ئامېرىكا يۇقۇمنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەسىرى ئەڭ ئېغىر كۆرۈلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرىنچىسىگە ئايلاندى. يۇقۇم جەريانىنى ياخشى كونتىرول قىلماسلىقنىڭمۇ تەسىرىدە، ئامېرىكادا مىليونلىغان كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى. 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى. 10 مىليونلىغان كىشى ئىشسىز قالدى ۋە ئامېرىكىدا داۋاملىشىۋاتقان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ترامپنىڭ بايدېنغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
يەنە كېلىپ ئىتالىيە، ئىسپانىيە، فخرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ يۇقۇم مەزگىلى ياخشى كونتىرول قىلىنمىدى. بۇ دۆلەتلەر دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ئېغىر چىقىملارغا دۇچ كەلدى. بۇ جەھەتتە يىراق ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىر قەدەر ياخشى سىناق بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. گەرچە خىتاي ۋىرۇسنىڭ ئانا يۇرتى بولسىمۇ، تېز ئەسلىگە كېلىۋالالىدى. كورېيە، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ مەزگىلنى بىر قەدەر ئاز زىيان بىلەن ئۆتكۈزدى. نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر «غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى تارقىلىشچان كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئېڭىنىڭ يىراق ئاسىيادا غەرب دۇنياسىدىنمۇ بەك تەرەققىي قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېگەندەك باھالىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.
بۇ بەلكىم راست بولۇشىمۇ مۇمكىن، ياكى شەرقتىكىلەرنىڭ كۆنۈككەن تۇرمۇش ئۇسۇلى تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن ئەمەلىيەت شۇكى، يۇقۇمنىڭ غەرب دۇنياسىدا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنى، شەرقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغانلىقى ئېنىق.