قەدىمكى تۈركلەردە يېڭى يىل

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈرك ئەپسانىلىرىدە يېڭى يىل» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1549937
قەدىمكى تۈركلەردە يېڭى يىل

يېڭى يىلنى تەبرىكلەشنىڭ تۈركلەردە ناھايىتى كونا ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەر غەربتىن خېلى بۇرۇنلا يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەبرىكلەشكە باشلىغان. تۈرك ئەپسانىلىرىگە ئاساسلانغاندا، كېچە بىلەن كۈندۈز جەڭگە چۈشكەن، ئۇرۇشتا كۈندۈز كېچىنى يېڭىۋالغان. ئەڭ ئۇزۇن كېچە بولغان 21 – دېكابىردىن كېيىن قۇياش تېخىمۇ ئۇزۇن كۆرۈنۈشكە باشلىغان، يەنى كۈندۈز ئۇزىراشقا باشلىغان 22 – دېكابىر يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى دەپ قوبۇل قىلىنغان. باشقىچە ئېيتقاندا، قۇياش 22 – دېكابىردا قاراڭغۇلۇقنى يېڭىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن كۈن يېڭى دەپ قوبۇل قىلىنغان.

«ناردۇگان» دەپ ئاتالغان بۇ كۈندە تۈرك ئەپسانىلىرىدىكى ئۆلمەسلىكنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان ئاق قارىغاي دەرىخى بېزىلەتتى، ئاستىغا ھەدىيەلەر قويۇپ قويۇلاتتى، دەرەخنىڭ ئەتراپىدا ئەنئەنىۋى ئويۇنلار ئوينىلاتتى ۋە ناخشىلار ئېيتىلاتتى. قارىغاينىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلمەي ھەمىشە ياپيېشىل تۇرىدىغان بولغاچقا، قەدىمكى تۈركلەردە ئۆلمەسلىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلاتتى ۋە مۇقەددەس ھېسابلىناتتى.

نۇرغۇن تەتقىقاتلار بۇ تەبرىكلەش ئەنئەنىسىنىڭ تۈركلەردىن خىرىستىيانلارغا ئۆتكەنلىكى ۋە ھۇنلار ياۋروپاغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ئەنئەنىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


خەتكۈچ: #تۈرك , #يىل , #يېڭى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر