بۇ، كىتابنىڭ ـ روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر

كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ.

1547809
بۇ، كىتابنىڭ ـ روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھىجر سۈرىسى 1 - 18 ئايەتلەر. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

ئەلىف، لام، را. بۇ، كىتابنىڭ ـ روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر[1]. كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ[2]. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (يەنى كۇففارلارنى مەيلىگە) قويۇۋەت، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ[3]. بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلمايلى، پەقەت ئۇنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ[4]. ھەرقانداق ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان ۋاقتى) ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ، ھەم كېچىكتۈرۈلمەيدۇ[5]. ئۇلار ئېيتتى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن[6]. ئەگەر سەن (مەن رەسۇلۇللاھ دېگەن سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، (پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟»[7] پەرىشتىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدا (يەنى ئازاب نازىل قىلىشىمىز مۇقەررەر بولغان چاغدىلا) نازىل قىلىمىز، بۇ چاغدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئازابى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ)[8]. قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز[9]. شۈبھىسىزكى، سېنىڭدىن ئىلگىرى بۇرۇنقى ھەرقايسى تائىپىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق[10]. ئۇلار ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى[11]. شۇنداق مەسخىرە قىلىشنى بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز[12]. ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، بۇ بۇرۇندىن ئادەت بولۇپ قالغان (يەنى بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋملەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى ئادەت بولۇپ كېلىۋاتقان) ئىش[13]. بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگىن، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاسمانغا ئۆرلەپ (ئالەمى ئەرۋاھنى، پەرىشتىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ)[14]، ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم سېھىرلەنگەن قەۋم بولۇپ قالساق كېرەك» دېيىشىدۇ[15]. بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىدۇق[16]. ھەر بىر قوغلاندى شەيتاندىن ئاسماننى قوغدىدۇق[17]. لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىگە) ئوغرىلىقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتاننى روشەن ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ يېتىدۇ (يەنى ھالاك قىلىدۇ)[18].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر