جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باكۇ زىيارىتى
ياۋروئاسىياغا نەزەر - 51
تۆۋەندە، «ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باكۇ زىيارىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە باكۇدا زىيارەتتە بولدى. 10- دېكابىر كۈنى، ئىككى رەھبەر، ئالدى بىلەن شېھىتلەر خىيابانىنى زىيارەت قىلدى، ئارقىدىن، قاراباغدا قولغا كەلتۈرۈلگەن «زىپەرنى تەبرىكلەش پاراتى» غا قاتناشتى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ھەممىمىز ئۈچۈن، تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن زەپەر ۋە ئىپتىخار كۈنىدۇر. بىزنى بۇنداق شاد – خۇراملىق كۈنلەرنى ياشاش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلغانلىقى ئۈچۈن، رەببىمىزگە شۈكۈرلەر ئېيتىمەن. قاراباغ ئەزەربەيجاندۇر.» ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، 8 – نويابىر كۈنى، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن قاراباغنىڭ زەپىرى مۇناسىۋىتى بىلەن «زەپەر كۈنى» ئېلان قىلىنغانىدى.
كۈننىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن ياشلار سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى. كېيىنچە، رەھبەرلەر ئايرىم كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 3 كېلىشىم ئىمزالاندى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى، كاۋكاز رايونىدا ھەمكارلىقنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغان 6 تەرەپلىك (ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، ئەرمېنىيە، ئىران، رۇسىيە ۋە تۈركىيە) كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىققا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە، رايوننى گۈللەندۈرىدىغان بۇ مۇنبەر تەكلىپى ناھايىتى مۇھىمدۇر. لېكىن ئىراننىڭ بەزى رەھبەرلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «زەپەر پاراتى» دا ئوقۇغان «ئاراس» ناملىق شېئىرىغا بولغان ئىنكاسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ رايونلۇق مەسىلىلەر ۋە قوشنىلىرىغا قارىتا قانداق بىر تەرەپلىمە قاراشتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە، ئەرمەنلەرنىڭ «تىنچلىق كېلىشىمى» نى بۇزىدىغان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قىلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق قارباغدىن خەۋەرلەر كەلمەكتە. رۇسىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا چېگرا مەسىلىسى داۋاملاشماقتا. تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بولسا ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىماي رايوندا تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
باكۇدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا چېگرا ئېغىزلىرىدىن كىملىك بىلەنلا ئۆتۈش مۇمكىن. بۇ ئەھۋال، ئىقتىسادىي ۋە ساياھەت ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.
باكۇدا 2020-يىلى، 25 – فېۋرال كۈنى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، تۆمۈر يول ۋە تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ تۈركىيەدىن نەخىچېۋانغىچە تۇتاشتۇرۇلۇشى نىشان قىلىنغان كېلىشىملەر ئىمزالاندى. تارىخىي زەپەردىن كېيىن، نەخچىۋاننى ئەزەربەيجان بىلەن قۇرۇقلۇقتىن تۇتاشتۇرۇش يولى ئېچىلدى. تۈركىيە ئەزەربەيجان ئارقىلىق شەرق ۋە تۈرك دۇنياسىغا تۇتاشسا، ئەزەربەيجان تۈركىيە ئارقىلىق غەربكە، ئوكيانغا تۇتىشىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، شەرق-غەرب تىرانسپورتىدا مۇساپە قىسقىرايدۇ.
قاراباغ 5 – 10 يىلدەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىلگىرىكى شان-شەرىپىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقتە ئەڭ چوڭ ياردەمنى تۈركىيەنىڭ بېرىدىغانلىقى رەھبەرلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۈرك شىركەتلىرى ئۇل ئەسلىھە ۋە قۇرۇلما مەسىلىلىرىدە مول تەجرىبىگە ئىگە.
ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلارنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىشى، ھەقلىق بولغان تەرەپنىڭ ئاخىرىدا چوقۇم زەپەر قۇچىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تاشلايدىغان ئورتاق قەدەملىرى، كاۋكاز رايونىنىڭ تىنچلىقىنىڭ كاپالىتى بولىدۇ.