قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىنىڭ ئەھمىيىتى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 50

1542752
قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىنىڭ ئەھمىيىتى

تۈركىستاننىڭ ئەھمىيىتى  

تۆۋەندە، «ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

2020 – يىلى، 1- دېكابىر  كۈنى، قازاقىستاننىڭ تۈركىستان ۋىلايىتىگە جايلاشقان خەلقئارا ئايرودۇرۇمى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 905 گېكتار كېلىدىغان بۇ ئايرودۇرۇم، مۇستەقىللىق يىللىرىدا قازاقىستاندا يېڭى ياسالغان تۇنجى ئايرودۇرۇم بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. يېڭى ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش ـ قونۇش  يولى  بىرلا ۋاقىتتا 9 ئايروپىلاننى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئايرودۇرۇم يىلىغا 3 مىليون يولۇچى قوبۇل قىلالايدۇ. ئايرودۇرۇمنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، تۈرك كارخانىچىلار تەرىپىدىن خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ مەقبەرەسى ئۈلگە قىلىنىپ ياسالغندۇر.

ئەلباسى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، 2018-يىلى جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتىنىڭ نامىنى تۈركىستانغا ئۆزگەرتىش قارارنامىسىنى ئىمزالىغانىدى. بۇ ۋىلايەتنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، شەھەر مەركىزى شىمكەنتتىن تۈركىستان شەھىرىگە يۆتكەلدى. ئۇدا ئىككى يىلدىن بۇيان، تۈركىستان شەھىرى گويا قايتىدىن قۇرۇلماقتا. بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى تاماملانغان چاغدا، 150 مىڭ نوپۇسقا ئىگە تۈركىستان شەھىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ئالدىنقى قاتاردىكى جەزبىدارلىق مەركەزلەردىن بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقى ۋە ۋاقتى كەلگەندە نوپۇسىنى 1 مىليونغا يەتكۈزىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. شۇنى ئىزاھلاش ھاجەتكى،  ئاستانا (نۇرسۇلتان) شەھىرىمۇ ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇنداق بەرپا قىلىنغانىدى.

بىز يېقىنقى 200 يىللىق تارىختىن شۇنى ئوبدان بىلىمىزكى، رۇسلار پۈتكۈل جۇغراپىيەلىك ئىسمى بولغان تۈركىستان نامىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تۈركىستاننى ئالدى بىلەن باش ۋالىي مەھكىمىسى، ئاندىن يەسى بازىرى دەپ ئاتىغانىدى. لېكىن، مۇستەقىللىق يىللىرىدا «تۈركىستان» نامى قايتىدىن ئىلگىرىكى ئىناۋىتىگە ئېرىشتى. ھەممە بۇ نامنىڭ تۈركىستاننىڭ ھەم شەھەر  ۋىلايەت ئىسمى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى.

بۇ رايوننىڭ ساياھەت جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور. خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ مەقبەرەسى بۇ يەرگە جايلاشقان. يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى، شەھەرنىڭ ئالمۇتا، بىشكەك، تاشكەنت، سەمەرقەنت ۋە بۇخارا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە يېقىن بولۇشتەك ئالاھىدە ئورنى، تۈركىستاننىڭ ساياھەت ساھەسىدە ھەر يىلى 5 مىليون ساياھەتچىنى جەلپ قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. نۆۋەتتە تاشكەنتنى تۈركىستان شەھىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان دۆلەتلىك تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتا. تۆمۈر يول تىرانسپورتى ئۇزۇندىن بۇيان بار بولۇپ، بۇ لىنىيەدە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىنىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇمكىن. رايون دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتۈرگەن «يېپەك يولى ۋىزا خىزمىتى»، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىدىن كېيىنكى مەزگىلدە رايوننىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

تۈركىستان شەھىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇۋاتقان يەنە بىر مۇھىم ئورگان بولسا، بۇ شەھەرگە جايلاشقان خەلقئارا قازاقىستان-تۈرك ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ نېمە ئۈچۈن پايتەختتە ئەمەس، ئەكسىچە پايتەختنىڭ سىرتىدا بەرپا قىلىنغانلىقى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ قارارنىڭ ناھايىتى توغرا قارار ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىۋېرسىتېت شەھەرنىڭ، شەھەرمۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ.

تۈرك دۇنياسىغا سېبىرىيەدىن ياۋروپاغىچە سوزۇلىدىغان بىر جۇغراپىيە سۈپىتىدە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، تۈركىستان شەھىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ دەل مەركىزىگە جايلاشقانلىقى كۆز ئالدىمىزدا ناھايىتى روشەن ھالدا نامايەن بولىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان ۋە «پىرى تۈركىستان» دەپ ئاتالغان ئەھمەد يەسەۋىنىڭ مەقبەرسى، تۈركىستان شەھىرىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا. شۇ ۋەجىدىن، تۈركىستان شەھىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى ۋە مەدەنىيەت پايتەختىگە ئايلىنىش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلىشى مۇمكىن. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،  تۈرك دۇنياسىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىدىن بىرىنىڭ، مەسىلەن، خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇ يەرگە يۆتكىلىشى، ناھايىتى توغرا بىر ئۆزگىرىش بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر