زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن

ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى (شۇ كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن) كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان كۈنىگىچە (يەنى قىيامەت كۈنىگىچە) كېچىكتۈرىدۇ.

1539240
زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىبراھىم سۈرىسى، 36 – 43 ئايەتلەر. پەرۋەردىگارىم! ئۇلار (يەنى بۇتلار) نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشكەن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر، كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئىكەن، سەن ئەلۋەتتە (ئۇنىڭغا) مەغپىرەت قىلىشقا ۋە مەرھەمەت قىلىشقا (قادىرسەن)[36]. پەرۋەردىگارىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى (يەنى بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەرنى) ناماز ئوقۇسۇن (يەنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ) سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا (يەنى مەككىگە) ئورۇنلاشتۇردۇم، پەرۋەردىگارىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن[37]. پەرۋەردىگارىمىز! سەن بىزنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىسەن، ئاسمان ـ زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس[38]. جىمى ھەمدۇسانا ياشانغىنىمدا ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى بەرگەن ئاللاھقا خاستۇر! پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (يەنى دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر)[39]. پەرۋەردىگارىم! مېنى ۋە بىر قىسىم ئەۋلادىمنى نامازنى ئادا قىلغۇچى قىلغىن، پەرۋەردىگارىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن[40]. پەرۋەردىگارىمىز! ھېساب ئالىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا ۋە مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن»[41]. زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى (شۇ كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن) كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان كۈنىگىچە (يەنى قىيامەت كۈنىگىچە) كېچىكتۈرىدۇ[42]. (بۇ كۈندە) ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئالغا قاراپ چاپىدۇ، كۆزلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، (تېڭىرقىغانلىقتىن) دىللىرى (ئەقىل ـ ئىدراكتىن) خالىي بولۇپ قالىدۇ[43].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر