ئەرمېنىيەنىڭ كېلەچىكى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 48

1535035
ئەرمېنىيەنىڭ كېلەچىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  تۆۋەندە، «ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئەرمېنىيەنىڭ كېلەچىكى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

2020-يىلى، 10 نويابىر كۈنى،  ئەرمېنىيە قاراباغ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىم ئىمزالىدى. كېلىشىم تۈزۈلگەندىن بۇيان، ئەرمېنىيەدە كەسكىنلىشىپ كەتكەن ۋەزىيەت تېخىچە ئىزىغا چۈشمىدى. ئېرېۋاندا ئۆكتىچىلەر باش مىنىستىر نىكول پاشىنياننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، نامايىش ئۆتكۈزمەكتە. دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات كۈچلىرىمۇ، ئۆكتىچىلەرنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، تۈرمىلەرگە تاشلىماقتا. ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار، مۇداپىئە، مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. ئەرمېنىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش  مىنىستىرى بىلەن ئەمگەك مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. بىرقانچە پارلامېنت ئەزاسى  بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىيۇروكراتلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئەزەربەيجاندىن ئەرمېنىيەگە قېچىپ كەتكەن يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئەرمېنىيە كۆچمەنلىرىنىڭ مەسىلىسىمۇ، ئېرىۋاندىكى سىياسىي كرىزىسقا ئىلاۋە قىلىندى. بۇ ئۆزگىرىشلەردائىرىسىدە، ئەرمېنىيەنىڭ كېلەچىكىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىقىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

ئەرمېنىيەدە ئۆكتىچىلەر، نىكول پاشىنيان تاكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنگە قەدەر داۋاملىق نامايىش ئۆتكۈزۈشنى قارارلاشتۇردى. پىرېزىدېنت ئارمېن ساركىسيانمۇ مۇددەتتىن بۇرۇنسايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللاپ، پاشىنياننى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. دۆلەتتە بۇ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان مەزگىلدە، غەرب بىلەن رۇسىيەئوتتۇرىسىدا، ئەرمېنىيەنىڭ كېلەچىكىدە سۆز ساھىبى بولۇش ئۈچۈن رىقابەت كەسكىنلىشىپ كەتتى.

21- نويابىر كۈنى، رۇسىيەدۆلەت مۇداپىئە، تاشقى ئىشلار ۋە سەھىيە مىنىستىرلىرى ھەم باشقا دائىرىلەردىن تەشكىل تاپقانھەيئەت ئېرېۋانغا كەلدى. پاشىنياننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدىن كېيىن، ئېرېۋان- موسكۋا  مۇناسىۋەتلىرىكۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يىرىكلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇدا 44 كۈن داۋاملاشقان قاراباغ ئۇرۇشى،رۇسىيەنىڭ ئەرمېنىيەدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش پۇرسىتى بولدى. گەرچە رۇسىيەھەيئىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى،  قاراباغ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش بولسىمۇ ، ئەمما ئارقا پىلاندا، ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېلەچىكى ھەققىدەسۆھبەتئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ، «تاغلىق قاراباغدا ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا خاتىمە بەرگەنكېلشىمدە رول ئوينىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىبىلەنفىرانسىيەرۇسىيەدىن رەنجىدى.» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلدى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، مىنسىك گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ۋە خەلقئارا كۆزىتىش كۈچىنىڭ قاراباغدا ۋەزىپە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيە باشچىلىقىدىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى «بىز قاراباغنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلدى. ئەسلىدە، پاشىنيانمۇ شۇنداق چاقىرىقتا بولغانىدى. غەربلىكلەر ئاخىرقى ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئويۇن سىرتىدا قېلىشنى خالىمايۋاتىدۇ.

ئەرمېنىيە 28 يىللىق ئىشغالىيىتىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە، ئەزەربەيجانغا 50 مىليارد دوللار تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر. بۇ رەقەم، رايوننىڭ يەر ئاستى كانلىرىغا يەتكۈزۈلگەن زىياننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرمېنىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. يېقىن كەلگۈسىدە، دۆلەتتە قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلۈش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇمكىن.ئېرېۋان ھۆكۈمىتىنىڭ، موسكۋا ۋە پارىژدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان باي دىئاسپوراسىغائىشەنمەي، ئالدى بىلەن، ھەر كۈنى يۈزلىشىدىغان قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئەرمەنلەر «بۈيۈك ئەرمېنىيە» ۋە «ئاتالمىش ​​ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەۋالىرىدىن ۋاز كەچسە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئەرمېنىيە تۈركىيە ئارقىلىق غەربكە، گىرۇزىيە ئارقىلىق قارادېڭىزغا، ئەزەربەيجان ئارقىلىق ئاسىياغا ئېچىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزەلەيدۇ. ئەرمېنىيەدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاخىرقى قارار يەنە ئەرمېنىيە خەلقىگە ئائىتتۇر.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر