ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ زەپىرى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 47

1530782
ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ زەپىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۆۋەندە، «ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ زەپىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ئەرمېنىيەنىڭ 2020-يىلى 27-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمىدىن كېيىن، تاغلىق قاراباغدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار باشلانغانىدى. شۇشا شەھىرىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىتەرىپىدىنقولغا كەلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، ئەرمېنىيە مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. رۇسىيە مۇرەسسەلىك قىلغان ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىم، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىمزالاندى.

ئۇدا 44 كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىشغال قىلىنغان 7 رايون ۋە شۇشانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 يېزىنى ئازاد قىلدى. تاغلىق قاراباغنىڭقانۇنىي سالاھىيىتى كېيىن ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئاگدام رايونى 20-نويابىرغىچە، كەلبەجەر 25-نويابىرغىچە، لاچىن 1 دېكابىرغىچە بوشىتىلىدۇ. ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تاغلىق قاراباغ ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى ئۆيلىرىگە قايتالايدۇ.

كېلىشىمنىڭ 3-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تاغلىق قاراباغدىكى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسى ۋە  لاچىن كارىدورىنى بويلاپ، جەمئىي 1960 ئەسكەر ۋە 450 دىن ئارتۇق ھەر خىل ئاپتوموبىللاردىن تەشكىل تاپقانرۇسىيەنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى رايوندا ئۇدا 5 يىل تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە،  تۈركىيە ۋە رۇسىيەدۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش ئۈچۈن،تۈركىيەرۇسىيە كونترول قىلىش مەركىزى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىككېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ 9-ماددىسى، ناخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى ئەزەربەيجانغا تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش كارىدورىنىڭ ئېچىلىشىنى نىشان قىلىدۇ. بۇ كارىدۇر، تۈركىيەنى ئەزەربەيجان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەنقۇرۇقلۇقتىن تۇتاشتۇرىدۇ. قارس-ئىغدىر-ناخچىۋان تۆمۈر يولى لايىھەسىئىشقا ئاشقان تەقدىردە، كېيىنكى قەدەمدە، ناخچىۋان بىلەن باكۇغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يولنىڭ تاماملىنىشىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

كېلىشىمدىن كېيىن، ئەرمېنىيەنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ئېرىۋاندا كەڭ خەلق ئاممىسى باش مىنىستىر نىكول پاشىنياننىڭ  ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە. دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات كۈچلىرىمۇ ئۆكتىچىلەرنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا تەشەببۇس قىلىش بىلەنئەيىبلەپ تۈرمىگە تاشلىماقتا.

ئۇرۇش كۈنلىرىدە ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، ئەزەربەيجاندا 100 دىن ئارتۇق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئەرمېنىيە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتسادىر قىلدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىشغال رايونلىرىنى تەرك ئېتىۋاتقان ئەرمەنلەرنىڭ چېكىنىۋېتىپ، ئۆي ماكانلارنى، مەكتەپلەرنى ۋە ئورمانلىقلارنى ۋەيران قىلىشى، ئەسلىدە، ئۇلارنىڭ بۇ جايلارنى«ئۆز ۋەتىنىمىز» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. ھالبۇكى، ئەزەربەيجانلار، 1994-يىلى رايوندىن قوغلانغان ۋاقىتتا، ھامان بىر كۈنى چوقۇم ئۆي - ماكانلىرىغا قايتالايدىغانلىقلىرىغا چىن ئىشەنگەنلىكتىن، ئۆيلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنىمۇ يېنىدا ئېلىۋالغانىدى. ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئەرمېنىيە ئىشغال رايونلىرىغا كەلتۈرگەن زىيىنى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىشى كېرەك.

ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىراقتىن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىبىلەنئۇرۇش قىلىش ئۈچۈنتاغلىق قاراباغقا كەلگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك//پ ي د/ي پ گ  تېررورچىلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. جاھانگىر كۈچلەرنىڭ قاراباغنى يېڭى تېرورلۇق ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇش خىياللىرى سۇغا چىلاشتۇرۇلدى. ئۇرۇشتىن كېيىن، رايوندا ھەل قىلغۇچ كۈچنىڭ رۇسىيە ۋە تۈركىيە ئىكەنلىكى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رايوندىكىبۇرۇنقى نۇپۇزىنى يوقاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

تاغلىق قاراباغنىڭ غەلبىسى تۈرك دۇنياسىغا ئىشەنچ بېغىشلىدى. ھامان بىر كۈنى ئىشغال ئاستىدىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىمۇ بىر-بىرلەپ ئازاد قىلىنىدۇ. تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش تىرىشچانلىقى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تېزلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر