ئاتاتۈرك توسمىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئاتاتۈرك توسمىسى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1528609
ئاتاتۈرك توسمىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇدىكى فىرات دەرياسى بويىغا سېلىنغان ئاتاتۈرك توسمىسىنىڭ تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ توسمىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئادىيامان ۋە شانلىئۇرفا ۋىلايەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى فىرات دەرياسى بويىغا سېلىنغان ئاتاتۈرك توسمىسىنىڭ قۇرۇلوشى 1983-يىلى باشلانلاندى ۋە 1992- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئېنېرگىيە ئېشلەپچىقىرىش ۋە سۇغىرىش ئىشلىرىدا پايدىلىنىش مەقسىتىدە ياسالغان بۇ توسما، 84 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىر تاش ۋە تۇپراق بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيادىكى 6- چوڭ توسما ھېسابلىنىدۇ. سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىمۇ دۇنيادىكى 5-چوڭ ئېلېكتر ئىستانسىسى بولۇپ، تۈركىيەدىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىدۇ.

پۈتۈنلەي تۈرك ئىشچىلىرى ۋە ئىنژېنېرلىرىنىڭ ئەمگەك تەرى بىلەن پۈتكەن بۇ چوڭ توسمىنىڭ گەۋدىسى 80 ئاي ئىچىدە تاماملانغان بولۇپ، توسمىنىڭ ياسىلىشى سايىسىدا بارلىققا كەلگەن 817 كۋادرات كىلومېتىرلىق سۈنئىي كۆلدە خەلقئارالىق سۇ تەنھەرىكەتلىرى بايراملىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە ۋە تەنھەرىكەتچىلەر يەلكەنلىك كېمە، سكۇبا ۋە سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىلەرگە چۈشمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاممىۋى قاتناشقا قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە پاراخوتلار قاتنىماقتا. توسما كۆلى يەنە بېلىق تۇتۇش جەھەتتە يەرلىك ئاھالىنى مۇھىم كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىنلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر