تۈركىيەدىكى تۇنجى ئايال ئۇچقۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۇنجى تۈرك ئايال ئۇچقۇچى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1514796
تۈركىيەدىكى تۇنجى ئايال ئۇچقۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز

تۈركىيەدە 1933 – يىلى تۇنجى قېتىم بىر ئايالنىڭ ئوچقۇچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئايال ئۇچقۇچىسى بەدرىيە تاھىر گۆكمەندۇر. 1932- يىلى ۋەجىھى ئۇچقۇچىلار مەكتىپىدە ئاۋىئاتسىيە ساھەسى بويىچە ئوقۇشىنى باشلىغان بەدرىيە تاھىر، مەمۇرلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇچۇش مەشىقلىرىنىمۇ داۋامللاشتۇرىدۇ. ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى يۈزىسىدىن نۇرغۇن نارازىلىقلارغا ئۇچرايدۇ، توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇچقۇچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى ئۈچۈن مائاشىدىن جەرىمانە ئېلىنىدۇ، ئاخىرىدا خىزمىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇچقۇچى بولۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. تۈركىيەنىڭ تۇنجى پاراشۇتچىسى ۋە ۋە پاراشۇت مەكتىپىنىڭ تۇنجى مۇدىرى بولغان ئابدۇراھمان تۈركقۇشۇ،  1933- يىلى كەسپىي ئۇچقۇچى ئۇنۋانىنى ئالغان بەدرىيە تاھىرغا «گۆكمەن» دېگەن تەخەللۇسنى قويۇپ قويىدۇ. 1934 – يىلى فامىلە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، بەدرىيە تاھىر «گۆكمەن» دېگەن فامىلىنى ئىشلىتىدۇ.

1934-يىلى ئۇچقۇچىلىق ئۇنۋانىنىڭ رەسمىيلىشىشى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بىراق، ئىمتىھان ئېلىش ئۈمىكى يېتىپ كەلگەندە، مەكتەپنىڭ بىردىنبىر ئۇچالايدىغان ئايروپىلانىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئىمتىھان ئېلىنالمايدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەكتەپ تاقىلىپ قالىدۇ.

گەرچە ئۇچقۇچىلىقى رەسمىي تەستىقلانمىغان بولسىمۇ، بەدرىيە تاھىر گۆكمەن، ئاسماندا پەرۋاز قىلغان تۈرك ئايال ئۇچقۇچى سۈپىتىدە ئاۋىئاتسىيە تارىخىدىكى ئورنىنى ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر