ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر
كاپىرلا بۇ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) توسىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار (ھەقتىن) يىراق بولغان گۇمراھلىقتىدۇر.
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىبراھىم سۈرىسى، 1 – 5 – ئايەتلەر. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئەلىق. لام. را. (بۇ قۇرئان شۇنداق) كىتابتۇركى، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب، (ھەممە تىللاردا) مەدھىيىلەنگەن ئاللاھنىڭ يولىغا (باشلىشىڭ ئۈچۈن) نازىل قىلدۇق[1]. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، قاتتىق ئازابتىن كاپىرلارغا ۋاي![2]. ئۇلار بۇ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىدۇ (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) توسىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار (ھەقتىن) يىراق بولغان گۇمراھلىقتىدۇر[3]. قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى) بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن (سۆزلەيدىغان) قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىش بولۇپ، ھىدايەت قىلىش ئىشى ئاللاھنىڭ ئىلگىدىدۇر). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[4]. بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (ئۇنىڭغا دېدۇقكى) «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقارغىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (بەندە) ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[5].