قاراباغ ئۇرۇشى ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (44)

1518502
قاراباغ ئۇرۇشى ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى

قاراباغ ئۇرۇشى ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (42)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «قاراباغ ئۇرۇشى ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

ئەزەربەيجان ئوتتۇز يىلدىن كۆپرەك ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغان زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قاراباغدا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەرمېنىيە بولسا، ھەربىي نۇقتىدىن مەيداندا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرالماي، گەنجەگە ئوخشاش شەھەرلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، پۇقرالارنى قىرغىن قىلماقتا.

ئەرمېنىيەنىڭ بۇ ھەرىكەت شەكلىنىڭ بەلگىلىك بىر  ئىستراتېگىيەنى ئاساس قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەزەربەيجاننى قاراباغنىڭ سىرتىدىمۇ ئۇرۇشقا زورلاش ئارقىلىق، رۇسىيە بىلەن ئىمزالىغان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى ئىشقا سېلىشنى مەقسەت قىلماقتا. ئەرمېنىيە بۇ ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئېنىقلا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلماقتا.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قاراباغدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى تەخمىنەن بىر ئايدىن بېرى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەزەربەيجان ئارمىيەسى دەسلەپتە شىمال ۋە جەنۇب يۆنىلىشىدىن ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، يېقىندىن بۇيان بولۇپمۇ غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. فۇزۇلى ۋە جىبرائىلدىن باشقا يەنە زاڭگىلاننىڭمۇ كونتىروللۇقىنى تارتىپ ئېلىپ، ئەرمېنىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىدى. ئەزەربايجان ئارمىيەسى مەيداندىكى بۇ نەتىجىلەردىن كېيىن، جەنۇب لىنىيەسىدىن شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، لاچىن كارىدورىغا يېتىپ بېرىشقا تىرىشماقتا. بۇ ئارقىلىق ئەرمېنىيەنىڭ قاراباغ بىلەن بولغان ترانسپورت لىنىيەسىنى كېسىپ تاشلاشنى نىشان قىلماقتا.

ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى سىپىنىڭ بولسا، باسقۇچمۇ باسقۇچ قوغدىنىشنىڭلا كويىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەمما ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىن باشلاپلا ئەزەربەيجاننىڭ ھاۋا ئۈستۈنلۈكىنى ئالقىنىدا تۇتۇپ كېلىشى، تۈركىيە تەمىنلىگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولىشى، ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىگە ئىمكان بەرمەي كەلمەكتە. ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئېغىر يوقۇتۇشقا ئۇچراپ قەدەممۇ-قەدەم چېكىنمەكتە.

ئەرمېنىيە مەيداندىكى ئۇرۇشتا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيەلەر ئارقىلىق ئۇرۇشتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان پۇتىن، ماكرون ۋە ترامپ قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كويىغا چۈشكەن بولسا، ئەرمېنىيە قىسىملىرى، ئەزەربەيجاننىڭ ئۇرۇش لىنىيەسى سىرتىدىكى شەھەرلىرىنى بىۋاسىتە ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئەزەربەيجاننىڭ ئۇرۇشنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن كۈشكۈرتۈشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە.

گەنجە قاتارلىق ئەزەربەيجاننىڭ بىر قانچىلىغان شەھەرلىرىگە بىۋاسىتە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا. بۇ ھۇجۇملاردا ھازىرغىچە 90 دىن ئارتۇق پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى. ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ سىرتىدا ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كوللىكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتى كېلىشىمى دائىرىسىدە رۇسىيەنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

بىراق ئەزەربەيجاننىڭ قۇتراتقۇلۇقلارغا پەرۋا قىلماستىن، قاراباغدىكى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى رايونلارنى ئازاد قىلىشقا مەركەزلەشكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغىنىمۇ دەل مۇشۇ. ئەزەربەيجان ئارمىيەسى لاچىن ۋە كەلبەجەردىن ئۆتىدىغان ترانسپورت لىنىيەسىنىڭمۇ كونتىروللۇقىنى تارتىپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇرۇش ئۇزۇنغا بارماسلىقى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر