29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى

بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 - خاتىرە كۈنى.

1518087
29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 – خاتىرە يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەۋاتىمىز. 1923 – يىلى 23 – ئۆكتەبىر كۈنى توپ ئېتىلىشى ۋە چەكسىز شاد – خۇراملىق تۇيغۇچىسى ئىچىدە پۈتكۈل جاھانغا جاكارلانغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن مەغلۇب شەكىلدە ئايرىلىشى ۋە دۆلەت تېرروتېرىيەسىنىڭ غالىب دۆلەتلەر تەرىپىدىن تالان تاراج قىلىنىشى دۆلەتتە چەكسىز دەرد - ئەلەم ياراتتى. قۇۋايى مىللىيە / مىللىي خەلق ئەسكەرلىرى شەكلىدە تەشكىللىنىپ، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك رەھبەرلىكىدە بىرلەشكەن مىللىي كۈچلەر «ئازادلىق ئۇرۇشى» غا ئاتلاندى. «تۈركلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان رايونلار تۈركىيە چېگراسى سۈپىتىدە قېلىشى كېرەك» پىكرىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش نەتىجىسىدە، 1922 – يىلى 30 – ئاۋغۇست كۈنى، «باش قوماندانلىق مەيدان ئۇرۇشى» دا غەلىبە قازىنىلىپ، ئىشغالچى كۈچلەر ھازىرقى تۈركىيە تېرروتېرىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.  

تىنچلىق سۆھبەتلىرى نەتىجىسىدە ئىشغال ئاستىدىكى ئىستانبۇلنىڭ ئازاد قىلىنىشى، ئارقىدىنلا ھاسىل قىلىنغان «لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى» ئارقىلىق ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى، ئۇنىڭ تارىختىكى ئورنىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىگىلىدى. 1923 – يىلى 29 – ئۆكتەبىرگىچە داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنىپ، ئەنقەرەنىڭ پايتەخت قىلىنىدىغانلىقى پۈتكۈل دۇنياغا ئۇقتۇرۇلدى.

جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 – يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بۇ خۇشاللىق كۈندە، رەھبىرىمىز مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ قەھرىمانلىرىنى چەكسىز ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر