تاغلىق قاراباغ كىرىزىسى

ياۋروئاسىياغا نەزەر- 42

1509553
تاغلىق قاراباغ كىرىزىسى

«ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «تاغلىق قاراباغ كىرىزىسى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.  

ئەرمېنىيەنىڭ 2020-يىلى 27-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمىدىن كېيىن، تاغلىق قاراباغدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار باشلاندى. ئەرمېنىيە ئىغۋاگەرچىلىكىگە جاۋاب قايتۇرغان ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرى پۈتكۈل  ئالدىنقى سەپ لىنىيلىرىنى بويلاپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنى قېچىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۆتكەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قىرىق ئەتراپىدا ئولتۇراق رايونىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلدى. ئەرمېنىيەنىڭ يۈزلىگەن ھەربىي ئەسلىھەلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى. ئەرمېنىيەنىڭ ئۆلگەن ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ 400 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ قېتىم ئەرمېنىيەنىڭ ھامىيلىرىنىڭ تېگىشلىك قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئېنىق كۆرۈلدى. روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، توقۇنۇشلارنىڭ ئەرمېنىيە زېمىنلىرىدا ئەمەسلىكىنى جاكارلىدى، ھەمدە ئېرىۋانغا ياردەم بېرەلەيدىغان ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى. مەلۇم بولغىنىدەك، ئەرمېنىيە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ھۇجۇم يۈز بەرگەندە، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن،  قاراباغدىن باشقا ئەزەربەيجان ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلماقتا. ئەرمەنلەر ئەزەربەيجان پۇقرالىرىغا فوسفور بومبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  ئىس-تۈتەك راكېتامىيوتلىرى، كۈرەشچى ئايروپىلان بومبىلىرى، سمېرچ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە تانكىغا قارشى راكېتامىيوتلارنى  ئىشلەتمەكتە. ھازىرغا قەدەر، ئەرمېنىيە ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 40 ئەتراپىدا پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئەرمېنىيە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. ئەرمەنلەر باكۇ-تىفلىس-جەيھان نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى قاتارلىق خەلقئارالىق سېلىنمىلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەرمېنىيە دىئاسپورالىرى ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا نىجىس تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى. ئەرمېنىيە تەرەپ ئەزەربەيجاننىڭ دائېش قوراللىقلىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھەممىگە ئايانكى، ئەزەربەيجان دائېش قوراللىقلىرىغا موھتاج ئەمەستۇر. ئەزەربەيجاندا پۇقرالار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئالدىنقى سەپكە ئاتلانماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ياشلارنى مەجبۇرىي ھالدا ھەربىيلىككە ئېلىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئەرمىنىيەنىڭ PKK قوراللىقلىرىنى قاراباغدا ئۇرۇش قىلدۇرۇۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار  تۈرلۈك مەلۇماتلار ۋە دەلىل – ئىسپاتلار تاراتقۇلارغا ئاشكارىلاماقتا.

ئەزەربەيجاننىڭ بۇ ھەققانىي داۋاسىنى قوللىغۇچىلار بۇ قېتىم تېخىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە ئىنكاس قايتۇردى. تۈرك كېڭىشى توقۇنۇشلار باشلانغاندىن كېيىنلا ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. بۇ باياناتتىن كېيىن، ئىلھام ئەلىيېۋ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىغا مىننەتدارلىق خېتى ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، تۈرك دۇنياسى، تۈرك ئاكادېمىيەسى، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى  ۋە تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراسلىرى فوندى قاتارلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىمۇ ئەزەربەيجاننىڭ بۇ ھەققانىي كۈرىشىنى قوللىدى. رايوندىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئافغانىستان، پاكىستان، ۋېنگىرىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە ئۇكرائىنا ئەزەربەيجاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ  باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە باشتىن-ئاخىر ئەزەربەيجاننى قوللىماقتا. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەلىرىدە تۈزۈلگەن كېلىشىملەرگە ئاساسەن،  ئەزەربەيجان ئوفېتسىرلىرى تۈركىيەدە ياخشى تەربىيەلەندى. ئەزەربەيجان ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان  مۇداپىئە سانائىتى  مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماقتا. بۇ ئەھۋال، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قاراباغدىكى ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىنى بۇزۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

9 – ئۆكتەبىر كۈنى روسىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى موسكۋادا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئېلان قىلدى. لېكىن، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ قىيىنلىقىنى، تۇنجى كۈنىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى كۆرسىتىپ بەردى. پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ «دىپلوماتىيىگە ئاخىرقى پۇرسەت بېرەيلى» دەپ ماقۇللىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ئەرمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى سەۋەبىدىن بىكارغا كەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن،  قاراباغ تاجاۋۇزچىلاردىن ئازاد قىلغاندىلا ئاندىن مەسىلىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلغىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر