ئالتۇن سافران كىنو – فىلىم فېستىۋالى (بايرىمى)

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئالتۇن سافران كىنو – فىلىم فېستىۋالى (بايرىمى)» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1507443
ئالتۇن سافران كىنو – فىلىم فېستىۋالى (بايرىمى)

ب د ت مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان سافرانبولۇدا بىر خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئوسمانلى بىناكارلىق سەنئىتىنى پۈتۈن يارقىنلىقى بىلەن بىرلىكتە بۈگۈنكى كۈنگىچە ئېلىپ كەلگەن تارىخىي شەھەر – سافرانبولۇ، 1994 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 -  كۈنى يۇنېسكو تەرىپىدىن «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈپ ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسىغا ئايلاندى. بۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە تونۇشتۇرۇش ۋە قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. ئۇلارنىڭ بىرى 2000 - يىلى باشلانغان ئالتۇن سافران ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدۇر.

بۇ فېستىۋال 2004 - يىلى خەلقئارالىق ئۆلچەمگە ئۆتۈپ، پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن بىر پائالىيەتكە ئايلاندى. خەلقئارا ئالتۇن سافران ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى «مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قوغدىنىش» تېمىسى دائىرىسىدە تارىخى ، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مۇھىتنى كەلگۈسىگە يۆتكەشنى مەقسەت قىلىدۇ. فېستىۋال مەزگىلىدە ، ھۆججەتلىك فىلىملەرنىلا ئەمەس ، بەلكى سافرانبولۇنىڭ تارىخىي ئۆيلىرىنى ، قەھۋە مۇلازىمىتى ، خېنە كېچىسى ، توي ، تاماق ، يەرلىك كىيىم - كېچەك ۋە ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيەت قىممەت قاراشلىرىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر