قىرغىزىستان پىرېزىدېنتىنىڭ ۋېنگىرىيە زىيارىتى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 41

1505094
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتىنىڭ ۋېنگىرىيە زىيارىتى

 «ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېنبېكوۋنىڭ ۋېنگىرىيە زىيارىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.  

گ2020-يىلى 28 – 29 – سېنتەبىر كۈنلىرى قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېنبېكوۋ ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. رەسمىي قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، پىرېزىدېنت جېنبېكوۋ  بىلەن ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان، ئككى تەرەپلىك ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، پىرېزىدېنت جېنبېكوۋ  بىلەن ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان، قىرغىزىستان – ۋېنگىرىيە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن، ۋېنگىرىيە قىرغىزىستاننىڭ ياۋروپادىكى تۇنجى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھى بولدى. تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا، قىرغىزىستان – ۋېنگىرىيە تەرەققىيات فوندى قۇرۇش، قوش باج ئېلىشتىن ساقلىنىش، سېلىنمىلارنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ۋېنگىرىيەدە قىرغىزىستان پۇقرالىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان 75 ساننى 150 كە يەتكۈزۈش، ئىقتىسادنى دىگىتاللاشتۇرۇش، سەھىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق 15 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.

پىرېزىدېنت جېنبېكوۋ، زىيارىتى دائىرىسىدە ۋېنگىرىيە پارلامېنت باشلىقى لازسلو كوۋېر ۋە ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى جانوس ئادېر بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېنبېكوۋ، كېيىنچە بۇداپېشت شەھەر باشلىقى گېرگېلى كاراكسوني بىلەن بىرلىكتە، شەھەردىكى داڭلىق باغچىغا مەشھۇر يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ نامىنى قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. زىيارەت جەريانىدا، ۋېنگرىيەلىكلەرنىڭ چىڭگىز ئايتماتوۋ ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوبدان بىلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

جېنبېكوۋ ئاخىرىدا، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن بىرلىكتە، تۈرك كېڭىشىنىڭ بۇداپېشتتىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى زىيارەت قىلدى. تۈرك كېڭىشىنىڭ بۇداپېشتتىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا «چىڭگىز ئايتماتوۋ فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى. پىرېزىدېنت جېنبېكوۋ  تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارىسىدا، تەشكىلاتنىڭ بۇداپېشتتىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى رەھبەر بولدى.

پىرېزىدېنت جېنبېكوۋ، ۋېنگىرىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، 29 – سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستانلىق ۋە ۋېنگىرىيەلىك سودا – سانائەتچىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، «قىرغىزىستان – ۋېنگىرىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنى چاقىرالدى. يىغىندا، بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

قىرغىزىستان -  ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدا 1992 – يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت  ئورنىتىلغانغا قەدەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى كۆڭۈلدىكىدەك سەۋىيىدە ئەمەس ئىدى. ئاخىرقى قېتىم قىرغىزىستاننىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا 2011 – يىلى ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولغانىدى.  ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننىڭ 2018 – يىلى قىرغىزىستانغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن، قىرغىزىستان – ۋېنگىرىيە مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. ئوربان شۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، تۈرك كېڭىشىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا ۋە دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانىدى.  2019 – يىلى سېنتەبىر ئېيىدا بىشكەك شەھىرىدە سودا – ئىقتىساىي مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە، قىرغىزىستان – ۋېنگىرىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتنىڭ تۇنجى يىغىنى چاقىرىلدى. 2020 – يىلى ئاپرېل ئېيىدا ۋېنگىرىيەنىڭ بىشكەك ئەلچىخانىسى بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

قىرغىزىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ھازىرغىچە ھەممىدىن بەكرەك يېزا ئىگىلىك ۋە دورىگەرلىك ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېلىۋاتاتتى. قىرغىزىستان – ۋېنگىرىيە تەرەققىيات فوندىغا، ۋېنگىرىيە 50 مىليون دوللارلىق كىرېدىت بېىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ فوندى سايىسىدا قىرغىزىستان – ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر يېڭى بىر سەۋىيەگە يۈكسىلىدۇ.

جېنبېكوۋنىڭ زىيارىتىدە، بىشكەك – بۇداپېشت ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىتۈرۈش كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى. بۇ قارار، قىرغىزىستان – ۋېنگىرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. پىرېزىدېنت جېنبېكوۋنىڭ ۋېنگىرىيە زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر