سۈرىيەدىكى ۋاكالەتچى ئۇرۇشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (38)

1493036
سۈرىيەدىكى ۋاكالەتچى ئۇرۇشى

سۈرىيەدىكى ۋاكالەتچى ئۇرۇشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (38)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۈرىيەدىكى ۋاكالەتچى ئۇرۇشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

2011 - يىلى باشلانغان سۈرىيە ئىنقىلابى ئاستا-ئاستا ئىچكى ئۈرۈشتىن ئۆزگىرىپ، رايون ۋە يەرشارى خاراكتېرلىق كۈچ رىقابىتى كۈرىشىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قالدى. دۆلەت چېگراسى دائىرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش نۇرغۇن ئاكتىيورلارنىڭ سىرتتىن مۇداخىلە قىلىشى بىلەن خەلقئارالىق ۋاكالەتچى ئۇرۇشىغا ئايلاندى. كېيىنچە ئاكتىيورلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىلىشىش مەقسەتلىرىمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئىنقىلاب باشلانغاندىن بېرى، سۈرىيەگە قاراتقان سىياسىتى ئەڭ مۇقىم دۆلەتلەر تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران بولدى. تۈركىيە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىغان بولسا، رۇسىيە ۋە ئىران بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇردى. ئامېرىكا بولسا سۈرىيە سىياسىتىدە ئالدى كەينىگە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

سۈرىيە ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، غەرب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنى قوللىدى. بىراق كېيىن دائېشنىڭ ئارىلىشىشى ۋە رۇسىيەنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئۆكتىچىلەرنى قوللاشتىن ۋاز كەچتى. ئامېرىكا تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ سۈرىيە قۇرۇلمىسى YPG ۋە ئۇنىڭ سىياسىي قۇيرۇقى PYD بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىپ، سۈرىيەنىڭ شەرقىدە نوپۇز دائىرىسى ياراتتى. باشقا غەرب دۆلەتلىرى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قانۇنلۇق دەپ قاراپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمدىلىكتە كونكرېت ياردەم قىلماي كەلمەكتە. ئامېرىكا بولسا سۈرىيە سىياسىتىدە ئالدى كەينىگە دەسەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئوباما دەۋرىدە «قىزىل سىزىق» دەپ ئېلان قىلىپ، ئاندىن نۇرغۇن قېتىم كەينىگە داجىغان بولسا،  تېخى يېقىندىلا ئوباما دەۋرىدە «قىزىل سىزىق» دەپ ۋاقىراپ قويۇپ، ئەسلىدە 2015-يىلى سىنتەبىردە رۇسىيەنىڭ بىۋاستە سۈرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشى ئۈچۈن مەيدان ھازىرلىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ترامپ دەۋرىدە بولسا، گەرچە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش ئىرادىسى شەكىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن مەركىزىي ئارمىيە باش ئىشتابى «CENTCOM» ۋە ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئورگانلار ترامپنى پۈتۈنلەي چېكىنىشتىن توسۇپ قىلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى. بۇ يەردە نېفىت كارتى ترامپقا قارشى مۇھىم كوزىرغا ئايلاندى. ھازىر ئامېرىكا ئەسكەرلىرى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رىمەلان رايونىدىن دەيرىززورغىچە بولغان نېفىتى مول رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلەر «SDG» نىڭ قول ئاستىدىكى PYD / YPG نىمۇ داۋاملىق قوللىماقتا.

رۇسىيە بولسا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزئارا ھەر خىل مەسىلىلەر كۆرۈلىۋاتقانلىغا قارىماستىن، قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. گەرچە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلەي بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان بولسىمۇ، رىئال سىياسەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا  بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، تۈركىيە بىلەن ئاستانە مۇزاكىرە مۇساپىسىدە سىياسىي ۋە ھەربىي ئارىلىشىش نىشانلىغا ماس بىرلىكتە يۈرمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن ئىدلىبكە ھەربىي بېسىملارنى قىلىش ئارقىلىق تۈركىيەنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق ھەر خىل قەدەملەرنى تاشلاشقىمۇ قىستىماقتا ۋە تەلرىفات ۋە مۇنبىچ رايونىدا YPG بىلەن ھەر خىل سەۋىيەدىكى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا بىلەنمۇ فىراتنىڭ شەرقىدە، بولۇپمۇ مالىكىيە-فىشھابور لىنىيىسىدە كەسكىن بىر كۈچ سىنىشىشقا كىرىشكەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. بۇ يەردە پات - پات چارلاش ئېلىپ بارىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن بىۋاسىتە دوقۇرۇشۇپ كەلمەكتە. قەدەممۇ-قەدەم ئامېرىكىنى بۇ رايوندىن چېكىندۈرىدىغان تاكتىكىلارنى ئىشلەتمەكتە.

رۇسىيەگە نىسبەتەن سۈرىيە ساھەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئۇنىڭ ئىران بىلەن بولغان رىقابىتى. ئۆكتىچىلەر ۋە دائېشنىڭ قالغان مەۋجۇتلۇقىغا قارشى ئىران بىلەن ئىتتىپاقلىقنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىراننىڭ نوپۇز ساھەسى ۋە تەسىر دائىرىسىنى تارايتىشقا تىرىشماقتا. سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۈستىدىكى تەسىرىنى ئىرانغا قارشى كۈچەيتمەكچى بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر