تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى

يېقىنقى مەزگىلىدىكى ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە.

1492324
تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى

سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار مۇھىم ئۆزگىرىشلەرئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. ئالدى بىلەن، بۇ ئۆزگىرىشلەرگە تەرتىپ بويىچە نەزەر تاشلپ چىقايلى. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، پرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ گىرېتسىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق يېڭى ئەلچىسى نىكولاس پىپېرىگوسنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى تەتقىقات ئىشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەسىلىلەردە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ئەرمېنىيە، گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى  ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقتىن بىئارام بولۇۋاتىمىز» دېدى.

7-سېنتەبىر كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ھېكمەت ھاجىيېۋ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئەزەربەيجان ھەيئىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، ئۇچۇر - ئالاقە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مۇزاكىرە قىلىندى. مۇزاكىرىلەر  نەتىجىسىدە ، تۈركىيە-ئەزەربەيجان بىرلەشمە ئاخبارات مۇنبىرى قۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى. ھاجىيېۋ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، زىيارەت دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئورگانلىرى بىلەنمۇ تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ئەلىيېۋ، 9-سېنتەبىر تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىزدىكى تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ دوستلىرىنى ئەزەربەيجاننىڭمۇ دوستلىرى، دۈشمەنلىرىنىمۇ ئەزەربەيجاننىڭ دۈشمەنلىرى دەپ بىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن گىرېتسىيە ئەلچىسىگە بۇ پوزىتسىيەنى يەتكۈزۈشى ۋە تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشى، پەقەت گىرېتسىيەگىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنياغا بېرىلگەن ئوچۇق – ئاشكارا بىر سىگنال ئىدى. دەرۋەقە، پۈتكۈل دۇنيانىڭ تۈركلەرنىڭ قۇدرىتىنى قايتا كۆرۈشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى ساھىبە گافاروۋا، تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى تۈركىيەگە قىلدى. گافاروۋا باشچىلىقىدىكى ئەزەربەيجان ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئالدى بىلەن تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساھىبە گافاروۋا، جۇمھۇر رەئىس پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. گافاروۋا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، تۈركىيە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ۋە ھازىرمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ئەركىن سودا كېلىشىمى» نىڭ تەپسىلاتلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆزگىرىشلەردىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولغىنىدەك، تۈركىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى «ئىككى دۆلەت، بىر مىللەت» شوئارىغا ئۇيغۇن شەكىلدە  تەرەققىي قىلماقتا. تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئاۋغۇست ئېيىدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى، رايوندىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى بىئارام قىلدى، ھەمدە بۇ ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە قارشى ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشكە باشلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ، گىرېتسىيە ئەلچىسىنى قوبۇل قوبۇلغاندا، تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشى، دەل جايىدا بېرىلگەن بىر سىگنال بولدى.  ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئۆزئارا تۇنجى چەت ئەل زىيارەتلىرىنى بىر - بىرىگە قىلىش ئەنئەنىسىنىڭ، ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان ساھىبە گافاروۋا تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇشىمۇ ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ.

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئاخبارات ساھەسىدە ئورتاق مۇنبەر قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىمۇ دەل جايىدا بىر تەشەببۇستۇر. رايون ئىنتايىن سەزگۈر بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ خىل ھەمكارلىق ئىككى تەرەپكە پايدىلىقتۇر. ئەگەر بۇ تەشەببۇسنى تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرمۇ قوللىسا؟، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر