تۈركىيەنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (34)

1476620
تۈركىيەنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشى

تۈركىيەنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (34)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ئىراقتا ئارقا-ئارقىدىن ئۇجۇقتۇرۇلغان، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىگە ئالاقىدار خەۋەرلەر مەبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلاندى. دېمەك تۈركىيە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۆزگەرتكەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مىۋىسىنى توپلاشقا باشلىغاندەك قىلىدۇ. تۈركىيە 2016 - يىلى 15 - ئىيۇل ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىدىن كېيىن، يېڭى بىخەتەرلىك تەلىماتى بىلەن تەھدىتلەرنى مەنبەسىدە يوقۇتۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇردى.  ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۆلەت ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ ياساپ چىقىلغان يېڭى تېخنىكىلىق ئىقتىدارى ۋە كۈچلۈك ئىستىخبارات ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن پ ك ك تېرورلۇق تەشكىلاتىنى ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى.

 

تۈركىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارىتىلغان «مەيداندا تولۇق ئىسكەنجىگە ئېلىش» دەپ ئاتاشقا بولىدىغان بىر ئىستراتېگىيە بويىچە ھۇجۇم خاراكتېرلىق كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇردى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە، ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى مەيدانلارغا كېڭەيگەن مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملىق بېسىم ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىدىغان شۇنداقلا قوماندانلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، كونترول قۇرۇلمىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بىر ھەرىكەت شەكلىنى ئىشقا ئاشۇردى. 15 – ئىيۇلدىن قىسقىغىنە مەزگىل كېيىن، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى بىلەن چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى باشلىغان تۈركىيە، زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى، تىنچلىق بۇلىقى، قەتئىي ئىرادە ھەرىكىتى ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان يولۋاس پەنچىسى ھەرىكىتى ئارقىلىق تېرورلۇق تەشكىلاتىنى ئىراق-سۈرىيە مەيدانلىرىدا زېمىنسىزلاشتۇرۇپ، بېسىم ئاستىدا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇردى ۋە ھەرىكەت قابىلىيىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ قويۇشقا تىرىشتى. تۈركىيە چېگرا ھالقىغان ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار رايوندىن چېكىنىپ چىققاندا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوننىڭ كونتىروللۇقىنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن «بوشىتىش ۋە توشقۇزۇش» تاكتىكا قۇرۇلمىسىنىمۇ ۋەيران قىلىشقا باشلىدى.

تۈركىيە بۇلاردىن باشقا يەنە، تەشكىلاتنىڭ رەھبىرىنى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ قوماندانلىق ۋە كونترول قۇرۇلمىسىنى مۇئەييەن ئىستراتېگىيە دائىرىسىدە پاچاقلاپ تاشلاشقا تىرىشماقتا. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا KCK ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر، شۇنداقلا تۈركىيە، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى مەيدان قوماندانلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئۇجۇقتۇرۇلدى. بۇنىڭدا ئۈنۈملۈك ئىستىخباراتتىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ ياساپ چىققان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭمۇ غايەت زور تەسىرى بار.

 

تۈركىيە تەرەققىي قىلدۇرغان ۋە دۇنيا ھەۋەس بىلەن قاراشقا باشلىغان «TB2»، «Anka» ۋە «SİHA» لار تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت قابىلىيىتىنى ئاساسەن دېگۈدەك يوقۇتۇپ، تەشكىلاتنىڭ رىغبىتى ۋە پسخىئولىگىيسىگىمۇ ئېغىر زەربىلەرنى بەردى. تۈركىيەدە ھازىرمۇ مەۋجۇت بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 300 گىچە تۆۋەنلىدى. تېرورلۇق تەشكىلاتى ئىراق ۋە سۈرىيەدىمۇ مۇداپىئە ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى. تېررورلۇق پائالىيىتى ۋە قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ھەرىكەت قابىلىيىتى ئاساسەن دېگىدەك يوق قىلىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر