ئامېرىكا ۋە ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت كېلىشىمى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (32)

1468419
ئامېرىكا ۋە ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت كېلىشىمى

ئامېرىكا ۋە ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت كېلىشىمى

ئامېرىكا ۋە ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت كېلىشىمى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (32)

(جان ئاجۇن)

 «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە،  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئامېرىكا ۋە ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت كېلىشىمى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردا نېفىت قۇدۇقلىرىنى ئېچىش ۋە نېفىت چىقىرىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ «Delta Crescent Energy» شىركىتى بىلەن ي پ گ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە تۈركىيە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئامېرىكانىڭ ترامپ ئارقىلىق سۈرىيەدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىش سىياسىتىنىڭ ئورنىغا، بارغانىسېرى تېخىمۇ يەرلىىشىشنى مەقسەت قىلغان بۇ كېلىشىم، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك توغرىسىدىكى ئەندىشەلىرى ۋە مەسىلىلىرىگە يېڭى بىر مەسىلە قوشقان بولدى. ئامېرىكا بيۇكراتلىرى ترامپنى، نېفىتنى قوغداش ئارقىلىق سۈرىيەدە قېلىشقا قايىل قىلغان بىر پەيتتە، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ئاقساراينىمۇ سۈرىيەدە قېلىشقا ۋە يەرلىك شېرىك سۈپىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىخىمۇ قايىل قىلىشى مۇمكىن.

2019-يىلى قۇرۇلغان «Delta Crescent Energy» شىركىتىنىڭ، ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ رايوندا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا ئىجازەت بەرگەن شىركەت بولغانلىقى ۋە شېرىكلىرى ئارىسىدا ئامېرىكانىڭ تەجرىبىلىك بيۇكراتلىرىنىڭمۇ بارلىقى ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە، سۈرىيەدە نېفىت بۇرغىلاش ساھەسىدە تەجرىبىلىك، مەركىزى ئەنگلىيەگە جايلاشقان «Gulf Sands» شىركىتىنىڭ بۇرۇنقى باشقۇرغۇچلىرىدىن «John P. Dorrier Jr» غا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ بارلىقىمۇ مۇھىم قاراشقا تېگىشلىك نۇقتىلاردىن بىرسىدۇر. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ئىجازەتنامىسى ئالغان شىركەت بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ئوتتۇرىسىدا سۆھبەتنىڭ خېلى بۇرۇنلا داۋاملاشقانلىقى مەلۇم ئىدى. چۈنكى ئىلگىرىمۇ بۇ مەسىلىدە نۇرغۇن شىركەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. لېكىن ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتە بەلگىلىگۈچ پوزىتسىيە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.

سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ۋە بىناكارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ مەنبەسىنىڭ نېفىت مەنبەلىرى ئىكەنلىكىنى تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ھېلە - مىكرى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەجۇتلۇقىنى قوغداپ قىلىشىغا يول ئېچىلماقتا. شۇڭا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ «تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك بۇ قەدەم ئارقىلىق سۈرىيە خەلقىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى شۈمۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسىنى ئېنىق نامايان قىلدى. سۈرىيەنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى سۈرىيە خەلقىگە تەۋە. بىز ئامېرىكانىڭ خەلقئارا قانۇنغا پېسەنت قىلمايدىغان، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا قەست قىلىدىغان، شۇنداقلا تېررورلۇقنىڭ مالىيە مەنبەسى دائىرىسىگە كىرىدىغان بۇنداق قەدەمنى قوللىغانلىقىغا قاتتىق قارشىمىز» دېگەن ئىدى. تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن مەيداندا ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدىغان ھەربىي ھەركەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر