ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە تەرىپىدىن ئورتاق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھەربىي مانېۋىر

ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە تەرىپىدىن ئورتاق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھەربىي مانېۋىرلار ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى.

1467937
ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە تەرىپىدىن ئورتاق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھەربىي مانېۋىر

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، «ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە تەرىپىدىن ئورتاق ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىر» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.  

گ2020 – يىلى – 29 ئىيۇن كۈنى ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ  ئەزەربەيجاندا ئورتاق ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى. قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا ئارمىيەلىرى قاتناشقان ھەربىي مانېۋىرلار 10 – ئاۋغۇستقىچە دۋاملىشىدۇ. باكۇ. ناخچىۋان، گەنجە، قۇردەمىر ۋە يېۋلاھتا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ھەربىي مانېۋىرلار، يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر بولۇش سۈپىتى بىلەن دىققەت قوزغىماقتا. ئەزەربەيجاننىڭ توۋۇز رايونىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئىغۋاگەرلىك ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مانېۋىر، كۆپلىگەن جەھەتلەردىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۈركىيە – ئەزەربەيجان ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى، ئەزەربەيجان مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان زامانلاردىن ئېتىبارەن باشلانغانىدى. 2010 – يىلدىن بۇيان بۇ مۇناسىۋەتلەر ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملاشماقتا. دۆلەت مۇداپىئەسى ھەمكارلىقى دائىرىسىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھەربىي مانېۋىرلار، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ بەىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققۇسى ئۆزگىرىشلەرگە تەييار ھالەتتە تۇرۇشى جەھەتتىن زۆرۈردۇر.

رۇسىيە، توۋۇز ئىغۋاگەرچىلىكىدىن كېيىنلا شىمالىي كاۋكاز رايونى ۋە ئەرمېنىيەدىكى ھەربىي بازىلىرىدا  «ئىلگىرى پىلانلانغان» ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. ئەرمېنىيەدىكى رۇس ھەربىي بازىلىرىدا ئاساسلىقى ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى سىر ئەمەستۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە – ئەزەربەيجان ھەربىي مانېۋىرىمۇ دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ مانېۋىرلار تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قارىتا ھەربىي ياردىمىنىڭ، قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس، ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى دوست – دۈشمەن ھەممىگە نامايەن قىلىشى نۇقتىسىدىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

جەنۇبىي كاۋكاز رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى كۆپلىگەن جەھەتلەردىن مۇھىمدۇر. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ، ئېنېرگىيەسىنىڭ جان تومۇرلىرىدىن بىرى بولغان ۋە تۈركىيەنى ھازار دېڭىزىغا، ئومۇمەن، شەرق بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان لىنىيەلەر گىرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجاندىن ئۆتىدۇ. تۆمۈر ۋە قۇرۇقلۇق يولى لىنىيەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەرمېنىيەنىڭ ئىۋاگەرلىك ھەرىكەتلىرىگە يول قويۇلماسلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ.

مەسىلىنىڭ باش جراۋابكارى بولغان ئەرمېنىيەنىڭ قولىدا بولسا، رۇسىيە ۋە ئىراننى بۈيۈك تۇراننىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، قورقۇتۇشتىن باشقا كوزېرى يوقتۇر. ئىران قاراباغنىڭ ئىشغالىيىتى ئەسناسىدا ۋە كېيىنكى مەزگىلدە ئاغزىدا ئەزەربەيجاننى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئەرمېنىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇردى. بىراق مەسىلىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ئېتىبارى بىلەن، ئىراننىڭ ئىچىدىمۇ تۈركلەرنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، تېھراننىڭ ئەرمېنىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ بەزى نەتىجىلىرى بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق ئېمبارگولار مەزگىلىدە تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان، تېھران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ۋە ئېمبارگولارغا قارشى چىققان قوشنىلىرى بولدى. شۇڭا، توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىران ئەرمېنىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئىككى قېتىم ئويلىنىشى لازىم.

2020 – يىلى 27 – ئىيۇل كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تېلېفوندا كۆرۈشتى. تېلېفون سۆھبىتىدە، كاۋكاز رايونىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە كىرىزىسنى ھەل قىلىش نۇقتىسىدا مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەقدىردە، تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى مۇمكىن. مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تېزلەشتۈرۈش دائىرىسىدە تۈركىيە ناخچىۋاندا ھەربىي بازا قۇرۇشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، بۇنداق ھەربىي بازا ھازار دېڭىزىنىڭ غەربىدىمۇ قۇرۇلۇشى مۇمكىن. ئەرمېنىيە ئىشغالچىلىرىنىڭ تاغلىق قاراباغدىن چىرقىلىشى ئۈچۈن، ئەزەربەيجان ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل ساھەلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.

رادىيو ئاڭلىغۇچى ئېزىز دوستلار! ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، «ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە تەرىپىدىن ئورتاق ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىر» ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر