پاتقاق مۇنچىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «پاتقاق مۇنچىسى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1463026
پاتقاق مۇنچىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاتقاق مۇنچىسىنىڭ نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا تولۇقلىغۇچى داۋالاش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ پاتقاق مۇنچىسى جەھەتتە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بىر جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا جايلاشقانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا كەم ئۇچرايدىغان ئىسسىق سۇ بۇلاقلىرى، تەبىئىي بۇلاقلار، لاي – لاتقىلىقلار، مېنېرال ماددىسى مول تۇپراقلار بار بولۇپ، بۇلار سۇلار بىلەن ئۇچراشقان تاغلاردىن ئېقىپ، دەريالاردىن تېشىپ ئالاھىدە ئارىلاشمىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئالاھىدە لايلار بىلەن تەبىئىي بۇلاق سۇلىرىدىن پايدىلىنىپ تەييارلىنىدىغان پاتقاق مۇنچىلىرى نۇرغۇن كېسەللىككە مەلھەم بولىدۇ.

پاتقاق مۇنچىلىرى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ، ھورموننىڭ تەڭپۇڭلۇقى ، قان ئايلىنىشنى تەڭشەش، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە. ئۇنىڭدىن يەنە چارچاش ، بېسىم ، ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىش ياكى رېماتىزم كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇسكۇل ۋە سۆڭەك ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈنمۇ پايدىلىنىلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق پاتقاق مۇنچىلىرى مۇغلا، ئافيونقاراھىسار، چاناققەلئە ۋە مانىسا قاتارلىق ۋىلايەتلەردە بولۇپ، قوشۇمچە تەسىرى يوق بۇ مۇنچىلاردىن ھازىرقى كۈندە نۇرغۇن كىشى پايدىلانماقتا ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرمۇ پاتقاق مۇنچىسىغا چۈشۈشكە ئالاھىدە قىزىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر