ئىدلىبدىكى ئىغۋاگەرچىلىك

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (30)

1461080
ئىدلىبدىكى ئىغۋاگەرچىلىك

ئىدلىبدىكى ئىغۋاگەرچىلىك

 

ئىدلىبدىكى ئىغۋاگەرچىلىك

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (30)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئىدلىبدىكى ئىغۋاگەرچىلىك» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

سۈرىيەدە چوڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمىگەن ۋاقىتلاردىمۇ، ھەمىشە مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولماقتا. نۇرغۇنلىغان تاشقى ۋە ئىچكى ئاكتىيورلار ئۆز مەنپەئەتلىرىگە ماس ھالدا ھەربىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق بىلىكىنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشماقتا. سەككىز يىلنى باشتىن كەچۈرگەن سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى دىنامىك بىر ھەرىكاتچانلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بەزى ئاكتىيورلار ئۆزلىرىگە پايدىلىق ئويۇن قۇرۇشقا ئۇرۇنسا، يەنە بەزىلەر بۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق دۆلەتتىكى قالايمىقانچىلىققا مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. يېقىندا ئىدلىبتا تۈركىيە-رۇسىيە بىرلەشمە چارلاش ئەترىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىنىمۇ بۇ نۇقتىدىن ئانالىز قىلىشقا بولىدۇ.

ئىدلىب ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنى بولۇپ ئۇنىڭدا تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ نوپۇس ياشايدۇ، بۇ كىشىلەرھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ كەلمەكتە. يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا يۈز مىڭلىغان كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، يەنە نەچچە ئونمىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلماقتا. بۇ ھۇجۇملار ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن توختىتىپ قىلىنغان ئىدى. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىىش ئېلان قىلىندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە ۋە رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئىستراتېگىيەلىك m4 تاشيولىدا بىرلەشمە چارلاشنى باشلىدى ۋە بۇ رايون قەدەممۇ قەدەم كېڭەيتىلدى.

ئىدلىب رايونىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان 20 – نۆۋەتلىك بىرلەشمە چارلاش ئەترىتى باداماغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 21 -  نۆۋەتلىك بىرلەشمە چارلاش پىلانىنىڭ موسكۋادا بېكىتىلگەن بارلىق چارلاش لىنىيەسىنى قاپلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىلدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى پىلانلانغان ئىدى. بىراق، چارلاش يولىدا رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى ۋە  تۈركىيە بىلەن رۇسىيە كېلىشكەن چارلاش لىنىيەسى تاماملىنالمىدى.

«خەتتاب شىشانى» ناملىق تەشكىلات ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ تەشكىلات ئىشلەتكەن «خەتتاب شىشانى» دېگەن ئىسىم رۇسىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولۇپ، چېچەنلەرگە ئىما قىلماقچى بولغان بۇ تەشكىلات رۇسىيەگە بىۋاسىتە سىگنال بولماقتا ئىدى. ئەمەلىيەتتە نە ئىدلىبتا، نە سۈرىيەنىڭ باشقا ئۆكتىچى رايونلىرىدا «خەتتاب شىشانى»  دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ يوقلىقىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، ئوتتۇرىدا مۇھىم بىر سوئال پەيدا بولىدۇ.

ئېنىقكى قەغەز يۈزىدە قۇرۇلغانلىقى مەلۇملۇق بۇ تەشكىلاتنىڭ «خۇراسىددىن» ناملىق ئەلقائىدىگە چېتېشلىق بىرگۇرۇپپىغا ۋاكالىتەن بۇ ھۇجۇمنى قىلغان بولۇش ئېھتىمالى مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تۈركىيە-رۇسىيە ئوتتۇرىسدىكى كېلىشىمىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان ئۈچىنچى بىر ئاكتىيورنىڭ ئىشى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇمۇ دەرھال كىشىنىڭ ئەقلىگە كېلىشى مۇمكىن بولغان يەنە بىر كۈچلۈك گۇمان.

چۈنكى ئىدلىبتىكى بۇ ھۇجۇمدىن كېيىن رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىەسى نۇرغۇن قېتىم ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ باردى ۋە ئىدلىبتىكى ئۆكتىچىلەرنى بومباردىمان قىلىش بىلەن بىرگە، باب شەھىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، بىر قانچە پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى. رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى بىر پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئەسلىدە موسكۋا كېلىشىمىنىڭ نە قەدەر چۈرۈك ۋە نازۇك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولدى.  بۇنىڭدىن يەنە سۈرىيەدە تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئويۇن قۇرۇشىنى توسماقچى بولغان ئىچكى ۋە تاشقى ئاكتىيورلارنىڭمۇ جىم تۇرمايۋاتقانلىقى ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى بۇزۇشقا ئۇرنۇۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم نامايان بولغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر