تۆت يىلدىن كېيىن: 15 - ئىيۇل

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (29)

1456532
تۆت يىلدىن كېيىن: 15 - ئىيۇل

تۆت يىلدىن كېيىن: 15 - ئىيۇل

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (29)

(مۇرات يېشىلتاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرېكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۆت يىلدىن كېيىن؛ 15 - ئىيۇل» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

2016 - يىلى 15 – ئىيۇلدا  سايلانغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى يۈز بەرگەنلىكىگە تۆت يىل بولۇپ قالدى.

بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇب بولۇشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ كوچىغا چىقىپ، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش پىلانلىغۇچىلارغا قارشى چېكىنمەي تۇرالىغانلىقى ئىدى. نەتىجىدە خەلق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇب بولدى. سىياسىي ئورگانلارنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ئىدى.

2007 - يىلى 27 - ئاپرېلدا، ئارمىيە ئېلان قىلغان ھۆكۈمەتكە قارشى قاتتىق باياناتقا ھۆكۈمەتمۇ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان ۋە مەزكۇر باياناتنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ پوزىتسىيە ئاممىۋى سىياسەتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇپ، پۇقرا - ئارمىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى نۇقتىسىدىن تارىخىي دەۋىر ياراتتى.

15 - ئىيۇلدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە نۇرغۇن مۇھىم ئىشلار يۈز بەردى. ئىچكى سىياسەتتە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تازىلاش جەريانى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلدى. بىخەتەرلىك، ئادالەت، سەھىيە ۋە مائارىپ قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلەردە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاندى. كۆپىنچىسى سوتلىنىش ئارقىلىق جىنايىتى بېكىتىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تۈركىيە ئارمىيەسىدىن تازىلانغان كىشىلەر ئىدى. مۇھىم ۋەزىپىلەردىكى ھەربىي خادىملار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئارمىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ساقچى تەشكىلاتىغا سىڭىپ كىرىۋالغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق مىڭلارچە كىشىمۇ ئوخشاش شەكىلدە قوغلاپ چىقىرىلدى.

15 - ئىيۇلدىن كېيىن، بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئىسلاھاتمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. بۇ دائىرىدە، ژاندارما ۋە دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت قوماندانلىق ئىشتابى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بىۋاستە قارايدىغان بولدى. ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ ھەر قايسى قىسىملار ئۈستىدىكى رولى  ئۆزگەرتىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تېخىمۇ بەك ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلدى. بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلىنىشى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتنىڭ  تۇنجى نەتىجىسى سايىسىدا تېرورلۇققا قارشى كۈرەش باشلاندى. دۆلەت ئىچىدە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. سۈرىيەدە دائېشقا قارشى فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنى باشلاپ، ھەر ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلدى.

ئىچكى سىياسەتتە مەيدانغا كەلگەن ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشلەردىن بىرسى تولىمۇ  مۇھىم ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، 2017 - يىلى 16 - ئاپرېلدا، تۈركىيەدە رېفېراندۇم ئارقىلىق ھۆكۈمەت تۈزۈمى ئۆزگەرتىلىپ، پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتۈشى ئىدى. ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق سايلامدىن كېيىن، تۈركىيەدە يېڭى تۈزۈم تولۇق يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

تاشقى سىياسەتتە بولسا، 15- ئىيۇل ۋەقەسى گويا بىر ھالقىشقا سەۋەب بولدى. 15 - ئىيۇلدىن ئىلگىرى ئارمىيە كۈچىنى سۈرىيە كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىپ، ھەرىكەتسىز قالغان ھۆكۈمەت، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدىن بىر ئاي كېيىن، سۈرىيەدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى تۈركىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتىدە يېڭى دەۋىرگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولدى. «فىرات قالقىنى ھەرىكىتى» ئارقىلىق دائېشنى تۈركىيە چېگراسىدىن تازىلاش بىلەن بىرگە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالىشىنى مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈردى.

دەرۋەقە، فىرات قالقىنى ھەركىتىدىن كېيىن دەرھاللا نىشان بىۋاسىتە پ ك ك بولدى. 2018 - يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلانغان «ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق پ ك ك ئافرىندىن قوغلاپ چىقىرىلدى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە سۈرىيە كىرىزىسىدا، تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناشقا باشلىدى. 2019 - يىلى ئۆكتەبىردە ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى بىلەن پ ك ك نى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلدى ۋە پ ك ك نىڭ سۈرىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشىنىڭ ۋە شىمالدا  دۆلەت قۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى. تۈركىيە يەنە، ئىدلىب كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2020 - يىلى مارت ئېيىدا سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ئىدلىبتا ئېغىر زەربىگە ئۇچراتتى. بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر تۈركىيەنىڭ 15 - ئىيۇلدىن كېيىنكى دىپلوماتىيە ئۈستىلىدە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

تۈركىيەنىڭ تەسىرى تېخىمۇ مۇھىم بولغان يەنە بىر ساھە لىۋىيە ئىدى. لىۋىيە كىرىزىسىدە 2011 - يىلىدىن بۇيان دىپلوماتىك يوللارنى تاللىغان تۈركىيە، 2019 – يىلى4 – ئىيۇلدا، ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان تىرىپولى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان ھافتەرگە قارشى لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى.  بۇ دائىرىدە، لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتىنى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش ئارقىلىق ھافتەر كۈچلىرىنىڭ تىرىپولىنى ئىگەللىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. كېيىن يەنە، ھافتەرنى چېكىندۈرۈپ، لىۋىيە ئارقىلىق رايوندا ئوينالماقچى بولغان ئويۇننى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىدى.

نەتىجىدە، 15 - ئىيۇل نۇرغۇنلىغان جەھەتتىن تۈركىيەگە نىسبەتەن ھالقىش پەيتى ياراتتى. ئىچكى سىياسەتتىكى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تاشقى سىياسەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، تۈركىيەنىڭ بۇ ئاكتىپلىقى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى تېخىمۇ كۆپ رىقابەتچىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىغا سەۋەب بولدى ۋە تۈركىيە بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتە گىئوپولىتىكىلىق بېسىمغا دۇچ كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن غەرب، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن 15 – ئىيۇلدىن كېيىن ئوڭشاش قىيىن بولغان كىرىزىسلەر يۈز بەردى.

15 - ئىيۇلدىن تۆت يىل كېيىن، تۈركىيە نۇرغۇنلىغان خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆتكەن تۆت يىلدىكى ھەرىكەت قابىلىيىتى مەزكۇر خىرىسلارنى بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسەت ساھەسىدە تېخىمۇ دېموكراتىك تۈركىيەگە ئايلىنىشى ئۈچۈن پۇرسەت دەپ كۆرۈلۈشى لازىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر